تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، خې شىنرۇڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 4- كۈنى شاڭخەيدە سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ برنابىچتىن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچقا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ زۇڭلى خانىمنى ئۆمەك باشلاپ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا ئەۋەتىشنى قارار قىلىشى سېربىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - سېربىيە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو - سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - سېربىيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق چوڭ تۈرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ساھەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

برنابىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە بىلەن جۇڭگو «پولاتتەك دوستلۇق»قا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر سېربىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سېربىيە خەلقىگە سېربىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەتنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ سېربىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى، ھەمكارلىشىشىنى قوللايدۇ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى سىرتقا ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشقا ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى، سېربىيە تەرەپ داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىللە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.