شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ياڭ جىنجى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 4- كۈنى شاڭخەيدە يامايكا زۇڭلىسى ھولنېس بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرغان دوستانە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە يۈكسەلدۈرۈشكە قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ ھولنېسنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى ھەم جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن يامايكا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەۋە، ھەممىسى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - يامايكا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - يامايكا ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يامايكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ، يامايكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يامايكا تەرەپ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ كارىب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ ھەم خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ساھەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ھولنېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىم ھەم 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، نەچچە يۈز مىليونلىغان خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، شۇنداقلا يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يامايكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، يامايكا تەرەپ بۇنىڭغا چىن قەلبىدىن قايىل. سىزنىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشىڭىز يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ دۇنياغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازارنى ئېچىۋېتىشى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. يامايكا تەرەپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەت، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. يامايكا تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايدۇ، كارىب رايونى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.
دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.