تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر ئالتە تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار

قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر ئالتە تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 24- تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر ئالتە تىپىك دېلونى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈلۈشىچە، دېلوغا چېتىشلىق ئالاقىدارلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

1- دېلو: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، تور ئەھلى م X (ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن ھۆججىتىنى چۈشۈرگەن ۋە ئاڭلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

2- دېلو: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، تور ئەھلى م X (ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى)نىڭ مەۋھۇم مەخسۇس تورنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى چۈشۈرگەنلىكىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

3- دېلو: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جيا X، ۋېي Xنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش دېلوسى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، تور ئەھلى جيا X (ئەر، خەنزۇ، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى)، ۋېي X (ئايال، خەنزۇ، 38 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىنىڭ فاڭجېڭ ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، باھاسىنى كېلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئېسىل مېھمانسارايدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جيا X، ۋېي Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

4- دېلو: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى سۈي Xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 8 - كۈنى، تور ئەھلى سۈي X (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپى، چەمبىرىكىدە پىتنە - ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىپ، جەمئىيەت ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سۈي Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

5- دېلو: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، تور ئەھلى جاڭ X (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە - ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشقا قۇترىتىپ، جەمئىيەت ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

6- دېلو: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ج Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، تور ئەھلى ج X (ئايال، قازاق، 22 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق پۇتۇڭخۇا گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەش تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 10 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ج X بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە تۇرغاچقا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ج Xنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلگە بەردى.

ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىلىدىغان ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال - ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساشنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر ھەمدە ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، شەخسلەر ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماسلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى: 2384777 - 0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

مىكرو بىلوگ: @ 新疆网络举报 شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: 新疆网络举报 شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى