تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىدا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ، ئومۇمىي نىشان ۋە خىزمەت تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى سەۋىيەسىنى، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى