تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن زىياپەت بېرىپ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى

11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شاڭخەي تىنچلىق مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شاڭخەي تىنچلىق مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئەر - خوتۇن، يامايكا زۇڭلىسى ھولنېس ئەر - خوتۇن، گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس ئەر - خوتۇن، سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جى مىڭ، سۈن يى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە شاڭخەي تىنچلىق مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى.

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، ئون چاقىرىملىق ۋەيتەندە، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، ئېگىز ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرگەن، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان بولۇپ، گۈللىنىش مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە تىنچلىق مېھمانخانىسى 30 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا قەد كۆتۈرگەن لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شاڭخەينىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.

كەچ سائەت 6لەردە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئەر - خوتۇن، يامايكا زۇڭلىسى ھولنېس ئەر - خوتۇن، گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس ئەر - خوتۇن، سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

كەچ سائەت 7لەردە، زىياپەت باشلاندى. شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شاڭخەينىڭ «دەريا، دېڭىز ئارقىلىق تەرەپ - تەرەپنى تۇتاشتۇرىدىغان كېچىك، شەرقىي جەنۇبتىكى چوڭ شەھەر» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى بولۇپ، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ بىر خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، بىز دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگونىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە كارخانىلارنى كەڭ قاتنىشىشقا تېز جەلپ قىلىپ، يەر شارىۋى سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەتكە ئايلاندى، يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۆزلىگەن تەشەببۇسكار ھەرىكىتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە سودىلىشىدىغىنى تاۋار ۋە مۇلازىمەت، ئالماشتۇرىدىغىنى مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە، كۈتۈۋالدىغىنى بەش قىتئەدىكى مېھمانلار، كۆزلەيدىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئىتى، ئۇيغۇنلىشىدىغىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى. «دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى بەخىرامان.» بىز ھەمكارلىق يەلكىنىنى ئورتاق چىقىرىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ شەرق شامىلىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى كېمىسىنىڭ يەلكەن چىقىرىپ يىراق سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان باھارغا يۈرۈش قىلايلى.

زىياپەت شاد - خۇرام، ئىناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئالدىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى، خەلقلىرىنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۇنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.