تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فۇجۈن فوتوسى، خەۋىرى): ناھايىتى خاس ئالاھىدىلىك بىلەن بېزەلگەن، قول بىلەن ئويۇلغان نەپىس نەقىشلىك ئىشىك-دېرىزىلەر، كۆڭۈل قويۇپ تازىلانغان ياتاقلار... تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ ئۆرپ-ئادەت كوچىسىدىكى كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان پۇقراۋى قونالغۇ «دابو . لەنتىڭ» تىجارەت باشلىغان قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، توردا ئانچە-مۇنچە داڭق چىقىرىپ «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندى، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس-بەستە ماختاپ، بۇ جاينى «مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە پۇكىيى» دېيىشتى.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ خوجايىنى ۋۇ جېنبو بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ياتاقلارنى تازىلاشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياتاق زاكاز قىلىش سۇپىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇردى. «ھېلىمۇ ياخشى بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ياردەم قىلىپ پىلانلاپ ۋە تەشۋىق قىلىپ بەردى، شۇڭا مېنىڭ بۇ كىچىك پۇقراۋى قونالغۇممۇ <توردا ئالقىشلانغان> جايغا ئايلاندى» دېدى ۋۇ جېنبو.
نۆۋەتتە، ئۈزۈمچىلىك بازىرىدا 290 يۈرۈش ئائىلىۋى قونالغۇ بولۇپ، 75ى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئۈزۈمچىلىك بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇەيگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەرنى مەززىلىك تائام، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق ساھەلەرگە پائال قاتنىشىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تۇرپاننىڭ خاسلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، پۇقراۋى قونالغۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ساياھىتىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە پۇقراۋى قونالغۇ ئىچىدىلا ئۈزۈم ئۈزۈش، نان يېقىش، دوپپا تىكىش، ئەتلەس توقۇش قاتارلىقلارنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاھالىنى خاس كەسىپلەر ئارقىلىق بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىشقا يېتەكلەيمىز.