تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

[شىنجاڭ مەنزىرىسى] سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتكەن كۆركەم توغراق مەنزىرىسى ئۆزگىچە كۈز جىلۋىسىنى نامايان قىلدى

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى خۇلۇ ئارىلى مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، خوۋ جېمىن فوتوسى، خەۋىرى): كەچ كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى خۇلۇ ئارىلى مەنزىرە رايونىدا قۇملۇق، كۆل، سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتكەن توغراق مۇكەممەل ماسلىشىپ، رەڭدار يۆگىمە رەسىم كەبى گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  خۇلۇ ئارىلى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن بىڭتۇەن 2-شىسى 33-تۇەنى كېسىشىدىغان جايدا بولۇپ، ئەتراپتىكى دولقۇنسىمان كەتكەن قۇملۇق بىر تەبىئىي كۆلنى ئوراپ تۇرىدۇ، بوشلۇقتىن تۆۋەنگە قارىغاندا، ئۇ خۇددى بىر قاپاققا ئوخشايدۇ، كۆلدە ئانچە چوڭ بولمىغان بىر پارچە قۇرۇقلۇق بولۇپ، كېمىگە ئولتۇرغاندا ئاندىن كىرگىلى بولىدۇ، بۇ جاي خۇلۇ ئارىلى، دېيىلىدۇ. باشقا جايدىكى توغراق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خۇلۇ ئارىلىدىكى توغراقنىڭ كۆپىنچىسى سۇ ئىچىدە، كۈز پەسلىدە توغراقلار ئۇچىسىغا ئالتۇن يېپىنجا ئارتىپ، سۇدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ، چىرايلىق سايىلەرنى سۇ يۈزىگە چۈشۈرۈپ، ئەتراپتىكى قۇم بارخانلىرى بىلەن سۇ ئارقىلىق ئايرىلىپ، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، ئۆزگىچە كۈز جىلۋىسىنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى