جىنەن شېيىزى تېغىدىكى قىپقىزىل كوتىنوس ئورمانلىقى (11- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى شېيىزى تېغىدا تاغ ئومۇرتقىسىنى پاسىل قىلغان «بىر تاغدىكى ئىككى رەڭ» مەنزىرىسى شەكىللىنىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، شېيىزى تېغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 20 نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەرگە كوتىنوس دەرىخى تىكىلگەن، تاغنىڭ شىمالىي تەرىپى قارىغايلىق بولۇپ، ھەر يىلى كۈز بىلەن قىش ئالمىشىدىغان پەسىلدە، يېرىمى ياپيېشىل، يېرىمى قېپقىزىل مەنزىرە شەكىللىنىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ جېڭ فوتوسى)