تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پەيشەنبە (11-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئۈرۈمچى قار ئارىلاش يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): بۇ ھەپتە 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «باش قىش» يېتىپ كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدە، يېقىنقى مەزگىلدىكى كۈزنىڭ ساپ، ئىللىق ھاۋاسى ئاياغلىشىدۇ. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پەيشەنبە(11-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئۈرۈمچىدە قار-يامغۇرلۇق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، شەھەر رايونىدا قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1قا چۈشىدىكەن.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 10-ئايدا، ئۈرۈمچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىرقەدەر ئاجىز بولدى، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ بىر ئاز تۆۋەن بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىدا تېمپېراتۇرا ئاۋۋالقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بىر ئاز يۇقىرى بولدى. كۈزنىڭ ساپ ۋە ئىللىق ھاۋاسى شەھەر ئاھالىلىرىنى كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشىغا مۇۋاپىق ھاۋا رايى شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  جۈمە(11-ئاينىڭ 8-كۈنى) 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «باش قىش» مەۋسۇمى كىرگەن كۈن، قەدىمدە بۇ كۈن قىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. مېتېئورولوگىيە ئىلمىدە، باش قىشقا نىسبەتەن قاتتىق ئۆلچەم بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئايرىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃0تىن تۆۋەن بولسا، شۇنىڭدەك كېيىنكى مەزگىلدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولمىسا، باش قىش كىردى، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قىش كىرىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بولدى.

  نۆۋەتتىكى ھاۋا رايى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ دەرىجىسى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن، 11-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە شەھەر رايونىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃0تىن يۇقىرى بولىدىكەن، شۇ سەۋەبلىك 2019-يىللىق قىش كىرىش ۋاقتى ئۆتكەن يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ئاز كېيىن بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى