تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چەرچەن ناھىيەسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن شۆرۇ، لياڭ خاۋجيې خەۋىرى) «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا (بازار)لىرىدىكى كەنت، مەھەللە ئاھالىلەر كومېتىتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا «قەھرىمان نەمۇنىچىلار روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىدە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» كادىر، ئامما قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەدىكى بارلىق كادىر، ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلدى.

«شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، دىققىتىمنى دەل جايىدا بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا بىرمۇ ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلبە قىلىمەن...» شۇ كۈنى مۇخبىر بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچان بازىرى قاتىشىش كەنتى كومېتىتىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا كەنتنى ھۆددىگە ئالغان ناھىيە رەھبىرى، بۇ بازاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار شۇنىڭدەك، ئوبلاست، ناھىيەنىڭ بۇ كەنتكە ئەۋەتكەن ھەر قايسى خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى بارلىق ئەزالار، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ دەبدەبىلىك ھالدا قەسەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

پائالىيەتتە، ھەر قايسى ناھىيە، يېزا (بازار) مەيدان، كەنتلەردىكى ئامما ئايرىم-ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

قېيۇم تۇردى بۇ بازارنىڭ قاتىشىش كەنتىدىكى نامرات ئائىلە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ كىشى بار، يېرى يوق، 70تىن كۆپرەك قويى بار، ئادەتتە ئاتىسى بىلەن تاغدا چارۋىچىلىق ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، بۇلتۇر ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئاساسى ئاجىز بولغانلىقتىن تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاشقان. «بۈگۈنكى قەسەم بېرىش پائالىيىتى، مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خوتۇنۇم ئىككىمىز تېخى ياش، مەن ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيمەن، ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ناھايىتى ياخشى، بىزگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى؛ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، كېسەل كۆرسىتىشىمىزمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيە-ھۆكۈمەت ھەر يىلى بىزگە يەنە 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئوتلاق مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى بېرىدۇ، بىز يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولالايمىز» دېدى قېيۇم تۇردى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى