خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلاستاي دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (2019- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ • خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر دەل كەچ كۈز مەزگىلى، خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلاستاي دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى قويۇق كۈز مەنزىرىسىگە تولغان بولۇپ، سېرىق رەڭلىك يوپۇرماقلار، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ۋە كۈزلۈك يىغىم كۆرۈنۈشى كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلاستاي دەرياسىنىڭ بويىدا ئاپتاپقا سېلىنغان قوناق دېنى (2019- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
خېجىڭ ناھىيەسى ئۇلاستاي دەرياسى بويىدىكى كەنتنىڭ كۈز مەنزىرىسى (2019- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).