تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شاڭخەي : «كېچىلىك ئىقتىساد» شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى

كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، شاڭخەي پۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چىراغ مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بۇ شاڭخەي ۋەيتەننىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى (9- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى، مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى كېچىدە ئېچىۋېتىلىدىغان 100دىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت سورۇنىنى ئېلان قىلدى، شەھەر قىياپىتىنى كۆكەرتىش تارماقلىرى شاڭخەي پۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چىراغ مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەمدە ئۈستى ئوچۇق كىنولارنى باغچىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، قاتناش تارماقلىرى يەنە مۇناسىۋەتلىك مېترو لىنىيەسى ۋە بېكەتلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتتى، نۇرغۇن مۇزېي «مۇزېي كېچىلىك سەيلىسى» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بىر تۈركۈم كىنوخانا ۋە كىتابخانىلار كېچىچە ئېچىۋېتىلدى... شاڭخەي شەھەرلىك سودا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان 2019- يىللىق شاڭخەي مال سېتىۋېلىش بايرىمى مەزگىلىدە، كەچ سائەت يەتتىدىن كېيىنكى كېچىلىك تىجارەت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشقان. «كېچىلىك ئىقتىساد» شاڭخەينىڭ شەھەر ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى