تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ياڭ مىڭنىڭ ۋاسكېتبول كىيىمىنى سەپتىن چېكىندۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈي شىخاۋ، جاڭ يىفېي): 11- ئاينىڭ 4- كۈنى، لياۋنىڭ بېنگاڭ كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، كۇلۇب كوماندىنىڭ سابىق كوماندا باشلىقى، كۇلۇبنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ مىڭنىڭ ۋاسكېتبول كىيىمىنى سەپتىن چېكىندۈرۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

ياڭ مىڭ مۇراسىمدا تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ يەنە بۇ مەيداندا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول تارىخىدا ھەرگىزمۇ قالتىس ماھىر ھېسابلانمايمەن، ئالاھىدە مۇنەۋۋەرمۇ ھېسابلانمايمەن، 12- نومۇرلۇق كىيىمىمنى سەپتىن چېكىندۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى بەلكىم مېنىڭ كوماندىغا ساداقەتمەنلىكىمنى ئاتىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك».

لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى گو شىچياڭ مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: «ياڭ مىڭ لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول تارىخىدىكى تۇنجى مۇسابىقە كىيىمىنى سەپتىن چېكىندۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ماھىر، ئۇ بۇ شەرەپكە تامامەن لايىق. مەنمۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ئىپتىخارلىنىمەن». گو شىچياڭنىڭ قارىشىچە، ئۇ ياڭ مىڭنىڭ سەپتىن چېكىنگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانمايدىكەن، چۈنكى ئۇ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ CBA ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، بۇ، ياڭ مىڭنىڭ سەپتىن چېكىنىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغا ھېسابلىنىدىكەن.

ياڭ مىڭنىڭ كەسپىي ھاياتى 15 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەممىسىدە لياۋنىڭدا ئۆتكەن. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 565 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، لياۋنىڭ كوماندىسى تارىخىدىكى 1- ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى