تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۇن شىمالىي يولىنى بويلىغان لىنىيەدە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېي شۈەن خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، چاڭچۇن شىمالىي يولى (قەشقەر شەرقىي يولى-شەھەر شىمالىي ئاساسىي غول يولى بۆلىكى)دا قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۇ توختايدىغان لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرگە ئالدىن زاپاس سۇ ساقلىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10:00دىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:00غىچە، سۇچىلىق گۇرۇھى سۇ توختىتىپ شەھەر شىمالىي ئاساسىي غول يولى (ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى-ساي يولى) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى تۈرىنىڭ چاڭچۇن يولى DN500mm لىق شەھەر مەمۇرىيىتى بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەپ ئۆزگەرتىش، تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك چاڭچۇن شىمالىي يولىنى بويلىغان لىنىيەدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

سۇچىلىق گۇرۇھى مۇنداق ئەسكەرتتى، ھەرقايسى ئالاقىدار ئابۇنىچىلار ئالدىن زاپاس سۇ ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ئەگەر ھاۋا رايىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختىتىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى