تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئىزچىل پۈتكۈل ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مەركىزىي ھالقا بولۇپ كەلدى. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىغا قارىتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كارخانىلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئىسلاھات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 1994- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىش، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15- قۇرۇلتىيىدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تىرىشىپ 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ ساندىكى دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تايانچ كارخانىلاردا دەسلەپكى قەدەمدە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرىشى ئالغا سىلجىتىلدى. 15- قۇرۇلتايدىن كېيىن، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

1999- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى مەسىلىسى يەنىمۇ مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، 2010- يىلىغىچە بولغان دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ نىشانى بېكىتىلدى.

15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى زور قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلەت ئىلكىدىكى ھەم دۆلەت پېيىنى كونترول قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، 2000- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، 1997- يىلى زىيان تارتقان دۆلەت ئىلكىدىكى ھەم دۆلەت پېيىنى كونترول قىلغان چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 6599 كارخانا %70تىن كۆپرەك ئازايدى؛ دۆلەت ئىلكىدىكى ھەم دۆلەت پېيىنى كونترول قىلغان سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا 239 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 1997- يىلىدىكى 80 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن 1.97 ھەسسە ئاشتى؛ دۆلەت ئىلكىدىكى كىچىك كارخانىلارمۇ 4 مىليارد 810 مىليون يۈەن پايدا يارىتىپ، ئۇدا ئالتە يىل ساپ زىيان تارتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى. ئۇزاق مەزگىل قىيىن ئەھۋالدا تۇرغان نۇرغۇن دۆلەت كارخانىسى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، 15- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپ ساندىكى دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تايانچ كارخانىلارنى ئىسلاھ قىلىپ ئۈچ يىلدا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى