تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭرىتىمەن

ماناس ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باقىتجان خاپاس

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت بىللە ئولتۇراقلاشقان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەرقايسى مىللەتلەر جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىدىغان، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىن بولغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنى قوغداش، شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

مەن ماناس ناھىيەسى چىندىخوزا قازاق يېزىسىدىكى بىر ئاددىي كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام يېزا ئىگىلىك بانكىسى چىندىخوزا يېزىلىق تىجارەت ئورنىنىڭ كادىرى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئۆيىمىزمۇ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا بولۇپ، كىچىكىمىزدىن تارتىپ ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كۆپچىلىك ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. گەرچە كېيىن ھەرقايسىمىز ئوخشاش بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان بولساقمۇ، لېكىن كىچىكىمىزدە ئورناتقان دوستلۇق ئۈزۈلۈپ قالمىدى، كۆپچىلىك دائىم ئالاقىلىشىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ تۇرىمىز. ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىزنىڭ جان تومۇرىمىز ئىكەنلىكىنى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىمىزدىن بىلىمىز.

كىچىكىمدىن تارتىپلا دادام ماڭا كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتى تېخىمۇ بولمايتتى، دەپ تەربىيە بېرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەن شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە ئىلگىرىكىدەكلا مۇتلەق سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا سۆز - ھەرىكەتلەرگە مەردانىلىك بىلەن رەددىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭرىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى