تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتتىق نازارەت قىلىپ ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىش باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەۋەتكەن 16 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارغا قاتتىق، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ، سانى كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 16 سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئالىي مەكتەپلەر 753 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى يېتەكچىلىك خىزمىتى قوللانمىسىنى مەخسۇس تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئالىي مەكتەپ باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىلىرىدىكى خىزمەت تايانچلىرىنى مەخسۇس تېما بويىچە تەربىيەلىدى، قاراتمىلىق ھالدا يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 1-، 3- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىش، ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش، ئاشكارا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، قايتما ئىنكاس ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا ئالاقىلەشكەن ئورۇنلار پارتكوملىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن ۋاقتىدا پىكىرلىشىپ، ئالغا سىلجىتىش كونكرېت چارە - تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى. سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، خادىم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمدىن ئىبارەت «تۆت جايىدا بولۇش»نىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيە سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتتى.

«بىز تۆت يۈرۈش بەنزىنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ كۆزلەش، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە يەرلىكنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق 11- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مەملىكەتلىك «خەلق ئۈلگىسى» ۋە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» بۇرماقان مولدۇ، ۋۇ دىڭيۈندىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىلغار ئىش ئىزلارنى سەييارە دوكلات قىلىش يىغىنىدىن سەككىز مەيدان قېتىم ئۇيۇشتۇرۇشىغا، 14 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى تەربىيەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 4-، 7-، 13- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلار پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى جاۋابكار بولۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا پائال مەدەت بېرىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزە ئەزالىرىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى پائال ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 8-، 10-، 12- سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىيارىي تاللاپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشەندى، ئىگىلىدى ھەم ئالاقىلەشكەن ئورۇنلاردىكى تۆت يۈرۈش بەنزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ توغرا تېپىلمىغانلىرىنى، تەدبىرلەر ئەمەلىي بولمىغانلىرىنى ۋاقتىدا شۇ كىشىگە ۋە پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە قايتما ئىنكاس قىلىپ، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«قومۇل شەھىرىدىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى تۈزىتىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلىش جەريانىدا، كۆپلىگەن رەھبەرلەر مەسىلە جايىدا كۆرسىتىلگەن، ئەمەلىي كۆرسىتىلگەن، ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ ئىنكاس قايتۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق 8- سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما لۇڭ.

 دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ئوقنى نىشانغا ئاتقىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەرقايسى جايلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىققەتنى «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىگە، «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشتا تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 2-، 5-، 14- سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا ئاڭلاش، كۆرۈش، سوراش، زىيارەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، خاتىرىنى، تەسىرات ئارخىپىنى تەكشۈرمەستىن، نۇقتىلىق ھالدا «مەركەزنىڭ روھىنى ئىگىلەشنىڭ توغرا بولغان - بولمىغانلىقىغا، خىزمەتنىڭ چىڭ تۇتۇلغان - تۇتۇلمىغانلىقىغا، ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولغان - بولمىغانلىقىغا قارىدى».

ئاپتونوم رايوننىڭ 6- سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى مەخسۇس تۈزەش گۇرۇپپىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باشلامچى ئورۇنلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۆۋەننىڭ سوئالىغا يۇقىرى جاۋاب بېرىش ۋە يۇقىرىنىڭ سوئالىغا تۆۋەن جاۋاب بېرىشنى ياخشى ئىشلىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 15-، 16- سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى، ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزەپ ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار مەخسۇس تۈزەش جەھەتتىكى ھەم گەۋدىلىك، ھەم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى باشقۇرۇش، مەھەللە ئائىلىۋى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈردى؛ تۇرپان شەھىرى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق»، مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئىستېرېئولۇق تەشۋىق قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ساياھەت ئىگىلىكى مەخسۇس كۇرسى تەسىس قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەپ، 15 باش تېما لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى نىشانلاپ، قەرەللىك ھالدا سەييارە داۋالاش ئەترىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشنى قانات يايدۇردى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 450 يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەپ، يۆتكەپ ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى