تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

 11- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭپۇ رايونى بىنجياڭ ئاممىۋى بوشلۇق ياڭشۇپۇ سۇ زاۋۇتىنىڭ بىنجياڭ بۆلىكىدە ئارام ئېلىۋاتقان، بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

11- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇبېي شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىدە، قانۇن چىقىرىش بويىچە پىكىر ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان مەھەللە ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

11- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەي ياڭپۇ بىنجياڭ، گۇبېي مەھەللىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر ئاممىۋى بوشلۇق يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى، مەھەللە ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭپۇ رايونى بىنجياڭ ئاممىۋى بوشلۇق ياڭشۇپۇ سۇ زاۋۇتىنىڭ بىنجياڭ بۆلىكىگە كېلىپ، سىن ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى ئىككى قىرغىقى يادرولۇق رايونىدىكى 45 كىلومېتىرلىق ئاممىۋى بوشلۇقنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ياڭپۇ بىنجياڭ ئاممىۋى بوشلۇق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇش ھەم بىنجياڭ قىرغاق لىنىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى، ياڭپۇ بىنجياڭ تەدرىجىي ھالدا زاۋۇت ئامبىرىنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قىرغاق لىنىيەسىدىن تىپىنى ئۆزگەرتىپ باغچە يېشىللىقىنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش قىرغاق لىنىيەسى، ئېكولوگىيە قىرغاق لىنىيەسى، مەنزىرە قىرغاق لىنىيەسىگە ئايلاندى، ئىلگىرىكى سانائەت كونا بەلبېغى تۇرمۇش گۈزەل بەلبېغىغا ئۆزگىرىپ، شاڭخەي ئۈچۈن بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى قوشۇلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت شەھەرنىڭ روھى. شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى بولۇپ، شەھەرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى، سۈپىتى، خاسلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەردىكى كونا ئىمارەتلەرگە خۇددى «ياشانغانلار»غا مۇئامىلە قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، شەھەردىكى تارىخىي مەدەنىيەت خاتىرىلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، كىشىلەرگە تارىخنى ئەستە ساقلىتىپ، يۇرتقا بولغان سېغىنىشنى ئەستە ساقلىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ بىنجياڭ ئاسما كۆۋرۈكىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئادىمىيەت تارىخى ۋە شەھەر - يېزا ئۆزگىرىشىنى ئىگىلىدى، يۈشۈي گۈللۈكىگە كېلىپ شەھەر مۇھىتىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش ۋە بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يولبويى بېلىقچىلار پىرىستانى، ياڭشۇپۇ پورتىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق يەر بەلگىسى مەنزىرىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ياڭپۇ رايونىنىڭ بىنجياڭ بوشلۇقىنى ئىلمىي ئۆزگەرتىش، ئامما ئاممىۋى ئارام ئېلىش پائالىيەت سورۇنى بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېكسكۇرسىيە داۋامىدا، ئارام ئېلىۋاتقان، بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى ئۇچراتقاندا، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلقنىڭ شەھىرى خەلق ئۈچۈن. مەيلى شەھەر يىرىك پىلانى ياكى شەھەر قۇرۇلۇشى بولسۇن، مەيلى يېڭى شەھەر رايونى قۇرۇلۇشى ياكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك بوشلۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى، تۈجۈپىلىك، يېشىللاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كۆڭۈل ئېچىشقا باب كېلىدىغان، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش كېرەك.

پۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان رېنرېنۋۇ پارتىيە ئامما مۇلازىمەت پونكىتى ئېچىۋېتىلگەن پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ مۇلازىمەت پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئاھالىلەردىن بۇ جايدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىسى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شاڭخەيلىك، شاڭخەينىڭ كونا جۇڭگودىن يېڭى جۇڭگوغىچە، ئاندىن يېڭى دەۋرگىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن. شى جىنپىڭ ئۇنى ياشلارغا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشى ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

كەچكە يېقىن، شى جىنپىڭ چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇبېي شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. گۇبېي مەھەللىسىدە 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان. شى جىنپىڭ مەھەللىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى قىزىق لىنىيە سۇپىسىنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم قانۇن چىقىرىش بويىچە پىكىر ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان مەھەللە ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ بۇ جاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قۇرغان ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن چىقىرىش بويىچە ئالاقە نۇقتىسى، سىلەر مەۋقەنى مەھەللىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا يېقىن، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان نۇرغۇن پايدىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ باردىڭلار. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئۇنىڭدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىش كېرەك.

ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىدە يېمەك - ئىچمەك، داۋالاش، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان. شى جىنپىڭ چەتكە چېتىشلىق خادىملار مۇلازىمەت كۆزنىكى، ياشانغانلار ياردەم تاماق نۇقتىسى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھەللىنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ياشانغانلار ياردەم تاماق نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ غىزالىنىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، تاماق - قورۇمىلارنىڭ تەملىك - تەملىك ئەمەسلىكى، باھاسىنىڭ قىممەت - قىممەت ئەمەسلىكى، مەھەللىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىگە يەنە قانداق يېڭى تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، تۇرمۇش مۇھىتى، جەمئىيەت تەرتىپى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى گەۋدىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك. شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يانداش بايلىقىنى كوچا باشقارمىلىرى، مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، شەھەر باشقۇرۇش، مەھەللە ئىدارە قىلىش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇلازىمەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى ئاممىغا يۈزلىنىپ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت قىلىش، بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېجىرىش ھالقىلىرىنى ئازايتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسى بايلىقىدىن بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتتىكى تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاھالىلەر قىزغىنلىق بىلەن يول بويىغا يىغىلىپ، باش شۇجى بىلەن بەس - بەستە قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

11- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شاڭخەينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ شاڭخەينىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەھەر ئاھالىلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىر قىسىم «مۇھىم تۇتقا» خىزمەتلىرىنى تۇتۇپ، «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش»نى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقاق ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرىكتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭدە ئەسقاتىدىغان، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوللىنىشنى ياقتۇرىدىغان، ئامما نەپ ئېلىشنى ھېس قىلىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، بالدۇر نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، كارخانىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئايلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيگە تاپشۇرغان ئۈچ تۈرلۈك يېڭى مۇھىم، زور ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى پورتقا يېقىن يېڭى تەۋەلىك رايونىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار توپلىشىپ خەلقئارالىق يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم بازىغا، قىرغاق كەسپى ۋە قىرغاقتىن ئايرىلغان كەسىپلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە، كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم سەكرەش تاختىسىغا، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىدىغان مۇھىم يولغا، خەلقئارا ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىدىغان مۇھىم تەجرىبە ئېتىزىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى تەسىس قىلىش ھەم ئۇنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا بەلگىلەنگەن ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «قاتتىق پەن - تېخنىكا» كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزلىمىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ئومۇمىيەت ئېڭى، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، مۇھىم، زور تۈر، مۇھىم، زور سۇپىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەر شارىۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى مەبلەغ، ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مال قاتارلىق مۇھىم ئامىل بايلىقلىرىنى پائال تەقسىملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شاڭخەي پۇل مۇئامىلە بازىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي يېڭى بايقاش، تېخنىكا يېڭى كەشپىياتى، كەسىپ يېڭى يۆنىلىشى، تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىدەك ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتنىڭ بىرىنچى بايقىغۇچىسى، تېخنىكا كەشپىياتىنىڭ بىرىنچى ياراتقۇچىسى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى يول ئاچقۇچىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسىگە ئايلىنىپ، بىر تۈركۈم ئاساس تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەجەللىك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئالىي كەسىپلەرنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى سۇبيېكت، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كەسىپ زەنجىرى يادرولۇق ھالقىسىنى ئىگىلەش، قىممەت زەنجىرىدە ئالىي ئورۇننى ئىگىلەش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن تۈگۈن دەرۋازىسىلىق ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا سەكرەپ، دولقۇن بىلەن ئېلىشىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن بىللە، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشى ھەم تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇ مەڭگۈلۈك تېما، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسىنى دائىم تۇتۇشى، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش پېتى، سۆزنى سۆز پېتى، ئىشنى ئىش پېتى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قانات يايدۇرۇشتا، تېخىمۇ مۇھىمى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسىلىگە ئاتلىنىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. سىياسىي ئىقتىدار ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاساسنى كۈچەيتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن جاي، پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى ئۇزاق مۇددەت شاڭخەيدە تۇرغان. شاڭخەي بۇ مول قىزىل بايلىقلارنى باش تېما تەربىيەسىدىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.