11- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئىشچىلار سۇنىڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئىلمە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ سۇنىڭ ناھىيەسى ئەنئەنىۋى ئىلمە توقۇمىچىلىق كەسپى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىلمە توقۇمىچىلىق كەسپىنى خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق كەسىپ قىلىپ تۇتۇپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدە ھەر خىل ئىلمە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدىن مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، يىلىغا 250 مىليون قۇر ھەر خىل كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىدىكەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 6 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ فوتوسى)