تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دادۇر ئىزوفلاۋونىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى

  ئانىلىق ھورمونغا ئوخشاش ئاكتىپ رول ئوينايدۇ

   دادۇر ئىزوفلاۋونى بەدەندە ئانىلىق ھورمون ياكى ئىچكى مەنبەلىك ئانىلىق ھورمۇنغا قارشى تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئانىلىق ھورمون قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. دادۇر ئىزوفلاۋونى ھەيز توختاش مەزگىلىنى ياخشىلايدۇ، ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللار ھەر كۈنى دادۇر ياكى دادۇردىن ئايرىۋېلىنغان ماددىلارنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تولۇقلىسا، ھۆل ئىسسىقنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ.

  ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار

   دادۇر ئىزوفلاۋونىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئاساسلىقى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالى پەيدا بولۇشنى تىزگىنلەش، ھىدروگېن پېروكسىدنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تىزگىنلەش، DNA ئوكسىدلىنىپ زەخمىلىنىشنى ئازايتىش ۋە ماينىڭ زىيادە ئوكسىدلىنىشىنى تىزگىنلەشتە ئىپادىلىنىدۇ.

  ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ياخشىلايدۇ 

   دادۇر ئىزوفلاۋونى ياكى مېتابولىزم ھاسىلاتى ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللاردا ئاجىز ئانىلىق ھورمونى بولۇپ ئىپادىلىنىپ، سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى بىلەن بىرىكىپ، سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ، سۆڭەك ئاساسىي ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئاجرىلىشى ۋە سۆڭەك مىنېراللىشىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ياخشىلايدۇ.

  سۈت بېزى راكى خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    دادۇر ئىزوفلاۋونى ئانىلىق ھورمون مېتابولىزمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق راكقا قارشى ھاسىلاتنىڭ 2-گىدروكسى ئېسترونغا ئايلىنىشى ئارقىلىق سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن. يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ھۈجەيرىنىڭ ئۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۈجەيرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى

    ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمونى تۆۋەنلەپ، ماي ۋە خولېستېرىن ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاندىكى خولېستېرىن ئۆرلەپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دادۇر ئىزوفلاۋونى ئانىلىق ھورمون رولى ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى