تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى پۇقراۋى قونالغۇنىڭ «بىر ياتاق بىر تەدبىر»ى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى خەۋىرى) «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قونغان پۇقراۋى قونالغۇدا، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرى كۆپ، بۈگۈن قونغان پۇقراۋى قونالغۇ قورۇسىدا گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان بولۇپ، ھەر بىر پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار» دېدى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاۋ فەنمېي شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىنى «ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش» جەريانىدا، ئۇ سەپىرىدە خاس پۇقراۋى تۇرالغۇلارنى ئۇچراتسىلا كىرىپ قوندى.

  جاۋ فەنمېيغا ئوخشاش، خوتەن شەھىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇلىرىغا بېرىپ باققان نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

  پۇقراۋى قونالغۇ «بىر ياتاق بىر تەدبىر» تىجارەت ئەندىزىسى دېگىنىمىز، ھەر بىر پۇقراۋى قونالغۇنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئەتراپتىكى بايلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر پۇقراۋى قونالغۇدا بىر ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، بىر تىجارەت تاكتىكىسى قوللىنىپ، ھەر قايسى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھەمدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  مەسلەن، قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىدىكى نىيە ئائىلىسى پۇقراۋى قونالغۇسى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدىغان مېھمانخانا بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن بىر ياتاقمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ پۇقراۋى قونالغۇ ئەتراپىدىكى قۇملۇق دالىدا قونۇش بىلەن قۇملۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، خاس ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى.


  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققى قىلغان. بۇ يىل، خوتەن شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلى كۆپ ئاشقان، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2 مىليون 957 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %204 ئاشقان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 3 مىليارد 698 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %173ئاشقان.

(سۈرەتنى خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى