تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئونسۇ ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ يەنرۇ خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى توپقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت مەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ئاخىرى ئوڭشالدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلەرنى سۇغىرىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، خىزمەت ئەترىتىنىڭ چوڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت».

بۇ يىل 9-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى توپقان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش تۈرىنىڭ مەبلەغ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن توختاپ قالغانلىقى، بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى. ئەۋەتكەن ئورۇن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى توپقان كەنتىنىڭ 2.5 كىلومېتىرلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىشى ئۈچۈن 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. بۇ  تۈردە 9-ئاينىڭ بېشىدا ئىش باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ يەرلەرنى سۇغىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، كەنتنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى دىققەتنى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قېينچىلىقى بار 30دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسىگە تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە خىمىيەۋى ئوغۇت ئاپىرىپ بەردى؛ ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارغا ياردەملىشىپ 20 قېتىمدىن كۆپرەك ئىشلىدى؛ كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30دىن كۆپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تەخمىنەن 2000 يۈەن قىممىتىدىكى سومكا، قەلەم قۇتىسى، بوياق قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ بەردى؛ 20 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە تەخمىنەن 2000 يۈەنلىك ئېلىكتىرونلۇق شاخ قىرقىش قايچىسى تارقىتىپ بەردى؛ كەنت كومېتىتىدىكى «ئۈچ ئىشخانا بىر مەكەز ۋە قولايلىق مۇلازىمەت تاللا بازىرى»غا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەردى؛ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 20 توننا كۆمۈر ئېلىپ بەردى؛ پۈتۈن كەنتتىكى 82 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدىكى تۇرۇبا يوللىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ بەردى؛ كەنتكە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ياڭاق، چىلان ئۆستۈرۈش، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 18 مەيدان ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاھالىلەرگە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا ئائىت 5800 پارچىدىن ئارتۇق گېزىت، ژورنال تارقىتىپ بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى بارلىق كادىرلار 18 نامرات ئائىلە بىلەن ياردەم بېرىش-يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا مەھسۇلات مىقدارى، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئائىت كونكېرت پىلان تۈزۈپ، تېرىقچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئۈچنى قۇردى، بازىنىڭ ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن كەنتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىمىنى ئاشۇردى. ھازىر، كەنت بويىچە نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىر ئائىلە-بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 17 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى %12كە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: ئۆزئارا ياردەم بېرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاقى، كەنت ئاھالىلىرىدىن كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، بىز بايقىساقلا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى