تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېي شۇەن خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، تۆۋەندىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۇ توختايدىغان لىنىيە ياقىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن زاپاس سۇ ئېلىپ قويۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 10:00دىن 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10:00غىچە، سۇچىلىق گۇرۇھى شىسەن سۇ زاۋۇتىنىڭ ئەسلىدىكى سۇ تۇرۇبىسى لىنىيەسى DN800mmلىق كېپىنەك كلاپانىنى ئالماشتۇرۇش ۋە سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى #1،#2 نومۇرلۇق بېسىمنى تۆۋەنلىتىش كلاپانىنى ئالماشتۇرۇپ رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن، شىچۇەن كوچىسى، مۇشۈگۇ يولى، 1-نومۇرلۇق تەيدى، 2-نومۇرلۇق تەيدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق رايونى بويىدىكى جايلاردا سۇ توختايدۇ، شىسەن يولى، چىماشەن يولى، پىڭچۇەن يولى، فۇخەي يولى، قاراماي غەربىي يولىنىڭ غەربكە ئۇزارتىلغان بۆلىكى، خۇاڭپۇجياڭ كوچىسى، لەنساڭجياڭ كوچىسى، شياڭشى كوچىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول جەنۇبىي مەيدانى قاتارلىق جايلارنىڭ يول ياقىلىرىدا سۇ بېسىمى تۆۋەن بولىدۇ.

  سۇچىلىق گۇرۇھى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەر قايسى سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئاھالىلەر ئالدىن زاپاس سۇ تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ئەگەر ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلسە، سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى