11-ئاينىڭ 1-كۈنى، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا ساياھەتچىلەر نادىر ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇر ئالماقتا.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، چوڭ بازار مۇز ئۆي مەززىلىك تائاملار كوچىسى دەرىجە ئۆستۈرۈشنى تاماملاپ رەسمىي تىجارەت باشلىدى، قىش پەسلىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ئومۇميۈزلۈك قىشلىق تىجارەت ئەندىزىسىگە كىردى، 8 چوڭ باش تېمىلىق مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت سارىيىمۇ كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. شۇ كۈنى، چوڭ بازار مەنزىرە رايونى يەنە پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋەكىللىرى، ئۈلگىلىك قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلار ۋەكىللىرى، 1- سەپتىكى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنى ئويۇن كۆرۈشكە ھەمدە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلدى.
(جياڭ شياۋ فوتوسى)