تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلىق كەنتىگە ئاسفالت يول ياتقۇزۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، گۇچۇڭ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ، ليۇ ياڭ خەۋىرى) «ئىلگىرى يامغۇرلۇق كۈن بولسىلا، يوللارنىڭ ھەممىسى لاي-پاتقاق بولۇپ كېتەتتى؛ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئاپتوموبىللار ئۆتسە ھەممە يەرنى چاڭ-توزان بېسىپ كېتەتتى. ھازىر ئاسفالىت يول ياتقۇزۇلۇپ بەك ياخشى بولدى، سىرتقا چىقىشىمىز قولايلىق بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىن مال-چارۋىلارنى يۆتكەش، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشمۇ قولايلاشتى.» 10-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇچۇڭ ناھىيەسى چياۋرېن قازاق يېزىسى كۈەنگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بىلال زەينۇل ئۆيى ئالدىدىكى يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان ئاسفالت يولنى كۆرۈپ خوشال ھالدا شۇنداق دېدى.

«ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چاڭ-توزان، يامغۇرلۇق كۈنلەردە لاي-پاتقاق» بولۇش ئىلگىرى كۈەنگۇ كەنتىنىڭ ئەينەن ھالىتى ئىدى، كەنتنىڭ ئورنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە بولغاچقا، يوللارنىڭ راۋان بولماسلىقى چارۋىچىلارغا ئىزچىل قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل 8-ئايدا گۇچۇڭ يېزا سودا بانكىسىنىڭ كۈەنگوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭ دېمىڭخۈي يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ شىركەتنىڭ يول ياساش پىلانىدىمۇ بۇ تۈر بار بولغاچقا، شىركەت بۇ كەنتكە ئاسفالىت يول ياساشقا قوشۇلدى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقتتىن كېيىن، توققۇز كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى ئاسفالىت يول ياسىلىپ، ئۇدا كەنتكىچە تۇتاشتۇرۇلدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدىن چىقىپلا ئاسفالىت يولغا چىقالايدىغان بولدى، يوللار كەڭرى، تەكشى بولدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىسىنىڭ كۈەنگوۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما شۇۋېن مۇنداق دېدى: يوللار ياسىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىشى قولايلاشتى. يېزا يولى قۇرۇلۇشى چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە قاتناش شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، پۇقرالارنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى