تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قالتىس يۆگىمە رەسىمگە ئۈمىدنى پۈتۈش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ تەشكىللەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاي − قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇغا، مەكىت قاتارلىق تۆت ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نۇرغۇن نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا يىلتىز تارتىپ، «ئىرادە»نى يېتىلدۈرۈش

مەرھابا ئۇرايىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭىشەھەر ناھىيەسى رۇيى پەن - تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ كۆك ياقىلىقلارغا ئايلىنىپ، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئېلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، سېخ مۇدىرى بولغان مەرھابا مۇنداق دېدى: «<رۇيى>غا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى».

مەرھابا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسى باغچى كەنتىدىن. 2014- يىلى، ئۇنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. «دادامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئائىلىمىزنىڭ بارلىق بېساتىنى خەجلەپ بولدۇق، يەنە ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرز ئالدۇق» دېدى مەرھابا.

2017- يىلى، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى بولغان يېڭىشەھەر ناھىيەسى رۇيى پەن - تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، مەرھابا تەكلىپ بىلەن زاۋۇتقا كىردى. ھازىر مەرھابا ئائىلىسى قەرزنى تولۇق قايتۇرۇپ بولدى، يېڭى ئۆي سالدى، نامرات ئائىلە قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل چۆرۈپ تاشلىدى.

قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ جايدا ماكانلاشقان شەندۇڭ رۇيى گۇرۇھىنىڭ 800 مىڭ ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىق تۈرىدە، ھازىر 300 مىڭ ئۇرچۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 2000غا يېقىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 900 گە يېقىن بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3000 يۈەنگە يەتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. شەندۇڭ ئۆلكىسى «شەندۇڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى بىلەن شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ، «يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» «ئۆلكە باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» ۋە «100 شەندۇڭلۇق سودىگەرنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك سودىگەر چاقىرىش پائالىيەتلىرىنى كەينى - كەينىدىن تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئۈچ يىلدا، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك 99 تۈرنى كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، زوۋچېڭ گوشېڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە يېڭىدىن 32 مىليون يۈرۈشلۈك كىيىم - كېچەك تۈرىنى يولغا قويۇپ، 3000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ يىل ئىچىدە تۈرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەشقەر ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئەڭ كۆپ تۈرتكە بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يەككە تۈرىگە ئايلىنىدۇ.

مۇشۇ يىللاردا، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زوۋچېڭ گوشېڭ، جىنشېڭ توقۇمىچىلىقى، سېنما كىيىم - كېچىكى قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ قەشقەر ۋىلايىتىدە ماكانلاشتۇرۇپ، شۇ جاينى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش

ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش

يېڭىسار ناھىيەسى شەھەر يېزىسى قازانچىئېرىق كەنتى جۇڭشىڭ پەلەيچىلىكى يېزا - كەنت زاۋۇتىدا، 29 ياشلىق پاتىمە روزىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىلا ئىشلىسەم پۇل تاپالايدىكەنمەن ھەم ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن، بەك ياخشى بولدى».

يېڭىسار ناھىيەسىدە ماكانلاشقان جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك گۇرۇھى «باش ئىشتاب + يېزا - كەنت زاۋۇتى» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، يەنى باش ئىشتاب زاۋۇتى تەربىيەلەش ۋە زاكاز تالونى، خام ئەشيانى بىر تۇتاش تارقىتىش، مەھسۇلاتنى بىر تۇتاش يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، يېزا - كەنتلەردە شۆبە زاۋۇت قۇرۇپ، خام ئەشيادىن پەلەي تىكتى. بىر يېزا - كەنت زاۋۇتى ئىككىدىن ئۈچكىچە كەنتكە تەسىر كۆرسىتىش، 100دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە 60 يېزا - كەنت زاۋۇتى قۇرۇپ، يىل بويى 2000 ئادەم ئىشلەتتى.

پاتىمە ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، ئەمما ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۆيگە قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغانىدى. زاۋۇت ئىشىكى ئالدىدىلا قۇرۇلۇپ، ئۇ يېزا - كەنت زاۋۇتىدا مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشتى، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغان مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئۇنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى، «بۈگۈنكى كۈندە ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن» دېدى پاتىمە.

شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئۆز ئالدىغا ياراتقان «باش ئىشتاب + يېزا - كەنت زاۋۇتى» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەدە تېز چېچەكلەپ مېۋە بەردى، زور بىر تۈركۈم كارخانا بەس - بەستە زاكاز تالونىنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭشىڭ پەلەيچىلىكى، خەيياڭ كىيىم - كېچىكى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 60 نەچچە كارخانا 365 يېزا - كەنت زاۋۇتىنى يۈرۈشتۈرۈپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 8000 دىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «باش ئىشتاب + يېزا - كەنت زاۋۇتى» ئەندىزىسى ئاساسىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە «ناھىيە بازىرىدىكى كارخانا باش ئىشتابى − يېزا - بازار كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى − كەنت ھەمراھ زاۋۇتى − ئائىلىۋى نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشقان كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 10 مىڭدىن ئاشتى.

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش

قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى رايونلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش

«مەن ئەمدى چىلاننىڭ سېتىلىش يولىدىن غەم قىلمايمەن، بۇ يىل چىلان چوقۇم ياخشى باھادا سېتىلىدۇ.» چىلانچى دېھقان ھەسەن مامۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ بىزگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت».

ھەسەننىڭ چىلان سېتىشتىن غەم قىلماسلىقى شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۇنجى ئىجادىيىتى «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىدىن بولدى.

«قەشقەردىن جىنەنگىچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بىر ئاپتوموبىل 30 توننا مالنى توشۇسا، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ پىلانلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى مىڭ ۋېنئەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «شىنجاڭدىن چىقىرىش قىيىن بولۇش» توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

«مەۋقەنى شەندۇڭغا قويۇپ، خۇادۇڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان <چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش> قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، سېتىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى.» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: تور سىرتى، توردا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتىن پايدىلىنىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولىنى ئېچىپ، نامرات ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلدۇق.

«چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شەندۇڭ جىنەن، جىنىڭ، رىجاۋدا جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ تىپتىكى ئۈچ يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلدى، يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا جىنەن، رىجاۋ، تەيئەن، يەنتەي قاتارلىق جايلاردا سەككىز «قەشقەرنىڭ ياخشى تەمى» سۈپەتلىك ماركا مەخسۇس تىجارەت دۇكىنى ئېچىلىپ، چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق جەمئىي 800 توننىدىن ئارتۇق خاس مېۋە - چېۋە سېتىلدى.

شەندۇڭ - قەشقەر خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش - سېتىش ئىتتىپاقىغا ئەزا ئورۇنلارمۇ دەسلەپكى 64تىن كۆپىيىپ 180گە يەتتى. بۇ يىل 4- ئاينىڭ بېشىدا، «قەشقەرنىڭ ياخشى تەمى»نىڭ شەندۇڭلۇق ۋاكالەتچى سودىگەرلىرى قەشقەر، ئۈرۈمچىدىكى ئىككى مەيدان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 20گە يېقىن كارخانا بىلەن مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالىدى، مۇددىئا بويىچە ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات 2600 توننىدىن ئاشتى، مۇددىئالىق زاكاز تالون ئومۇمىي سوممىسى 110 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «چوڭ ئامبار» باشلامچى، ئەمەلىي دۇكان ئاساسىي گەۋدە، توردا سېتىش تولۇقلىما قىلىنغان قەشقەر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە سىرتقا سېتىش تورى شەكىللىنىپ، قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى