تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئەسىر ھالقىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، 1997- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى دېڭ شياۋپىڭ ۋاپات بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چەكسىز قايغۇغا چۆمدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دېڭ شياۋپىڭ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ داۋاملىق باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش - ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئېنىق جاكارلىدى: دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىرادىسى ۋە ئېتىقادى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئارزۇسى.

11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، تەدرىجىي ھالدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ياراتتى. پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىدا «يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسى» ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بۇ نەزەرىيەنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى سىستېمىلىق بايان قىلىندى، بۇ نەزەرىيەنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچى ئورنى تۇرغۇزۇلدى.

1997- يىلى 9- ئايدا، پارتىيە 15- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا تۇنجى قېتىم «دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى»دىن ئىبارەت ئىلمىي ئاتالغۇ قوللىنىلىپ، بۇ نەزەرىيە پارتىيەنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق قىلىندى. جياڭ زېمىن مۇنداق كۆرسەتتى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك، دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى بىرقاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە بىرىنچى قېتىم بىرقەدەر سىستېمىلىق ھالدا دەسلەپكى قەدەمدە جاۋاب بەردى، شۇڭا ئۇ ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»دە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيى ئەسىر ئالماشقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، دېڭ شياۋپىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەسىر ھالقىغان تەرەققىياتىنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى