تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىغا پىكىر ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى    ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، بىرلىك سەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئويلىغانلىرى ۋە ھۆججەت تەييارلاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى باۋ شىنخې ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەربىيە، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك قارار تېزىسى توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك، ئورۇنلۇق پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ قارار تېزىسىنى ياخشى تۈزىتىشكە كۆپ ياردىمى بار، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاچىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىياسىي خىتاب چىقىرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمىتى ۋە پائالىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئاساسەن قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلىنىدۇ، سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتۇر.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى سوتسىيالىزم تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوللىنىش ئاساسىدا، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، يوۋ چۈەن، شياۋ جيې، جاڭ چىڭلى، خې لىفېڭ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، شيې جىڭرۇڭ، يۈ رۇسۇڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.