تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى پەيتىدە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىجادىيلىققا، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم دوكلات بەردى، مۇھىم سۆز قىلدى ھەم «قارار(مۇزاكىرە تېزىسى)» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. «قارار»دا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى چىقىش قىلىنىپ، «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قارار»دىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن چوڭقۇر، ياخشى ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، ئىدىيەۋى تونۇشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپىگە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن كەڭ دائىرىدە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. يۆنىلىش ۋە ئاساسىي رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىپ، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، روھنى شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي پىلانلاش، ئىنچىكە تەشكىللەش، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قارار»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ، ئومۇمىي نىشان ۋە خىزمەت تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن زىچ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، كۈچەپ ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.