تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان 21 - سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك، بۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بەلگىلىگەن. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قارىتا مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسىلىك رولىغا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، جەزمەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭىتىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىزچىل ھالدا ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئورگان قۇرۇش كېرەك. جەزمەن پاك بولۇش بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالاھىدىلىك قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى، نىشان يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇش بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.