تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەت ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى مەخسۇس تەتقىق قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، توپلىغان تەجرىبىلىرى، شەكىللەندۈرگەن پىرىنسىپلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نۇقتىلىق شەرھلەندى، چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى، ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇلار يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ بىر ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان بىر سىياسىي خىتابنامە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەرقتىكى قەدىمىي چوڭ دۆلەتتە مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭىچە دۆلەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىشتەك مۆجىزىنى ۋە جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزىنى يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇ، تارىخ ۋە رېئاللىقتىن چىقىرىلغان روشەن يەكۈن.

ئەمەلىيەت داۋامىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ تەرەپلەردە روشەن ئەۋزەللىكنى نامايان قىلدى. ئاساسلىقى بۇ ئەۋزەللىكلەر: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش خەلققە مەھكەم تايىنىپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلىنىش ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئورتاق غايە - ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىدىيە، روھىي جەھەتتىن زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر بولۇش جەمئىيەتنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشقا قويۇش تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك. بۇ ئەۋزەللىكلەرنى ئۇزاققىچە ساقلاش ھەم ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش بىزنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى تىرىشىش يۆنىلىشىمىزدۇر.

بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق نامايان قىلساق، بىز چوقۇم «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى