تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش  چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، چىن مېھىر - مۇھەببەتنى نامايان قىلىش

كەلپىن ناھىيەسى چىلان يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى

جاڭ خەيفېڭ

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت ئورتاق ئولتۇراقلاشقان، ئىتتىپاق، ئىناق مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا دائىم ھەر مىللەت بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە سىنىپىمدا ئىزچىل ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى، ھازىرغىچە مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى. ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىچىكىمىزدىن تارتىپلا قەلبىمىزگە ئورناپ كەتكەن، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىمىزدا بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى كىچىك ئىشلاردا گەۋدىلەنگەن.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بىر نامرات ئائىلىگە ياردەم قىلدىم - يۆلىدىم ھەم ئۇلار بىلەن تۇغقان بولدۇم. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مەن دائىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئارىلىشىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتىم. مېنىڭ تۇغقىنىمنىڭ بالىلىرى كۆپ، ئەڭ چوڭ قىزى 18 ياشتا بولۇپ، ئىنى - سىڭىللىرىنىڭ ئوقۇشى ۋە يېمەك - ئىچمىكى، يېتىپ - قوپۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، خىزمەت ئىزدىمىگەن ئىكەن. شۇ كەنتتە تۇرىدىغان بوۋا - مومىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، دائىم كېلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىكەن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالىلار ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدىكەن. ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا دائىم بېرىش - كېلىش قىلغاچقا، ئۇلار مېنى ناھايىتى ئوبدانلا تونۇپ قالدى، مەن بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدى.

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، تۇغقىنىمنىڭ كىچىك قىزى ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە بارالماي قالغاندا مەن ئالايىتەن بېرىپ ئۇنى يوقلىدىم ھەم ئۇنىڭغا دورا ئاپىرىپ بەردىم. تۇغقىنىمنىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئىدى، ئۇلار تۆۋەن كاپالەت پۇلى ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلاتتى، مەن ئۇلارنىڭ كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇشى ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇردۇم، بۇنداق بولغاندا ئۇلارغا ھەر يىلى پايدا تەقسىم قىلىناتتى. دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ھەم بارغانسېرى ياخشىلىدى. تۇغقىنىمنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك، ئۇلار يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ تولۇپ تاشتى. تۇغقىنىمنىڭ بىر ئېغىزلىق كونا ئۆيى بولۇپ، ئۇنى ئامبار قىلىپ ئىشلىتەتتى، تاملىرى شورلىشىپ ئۇپراپ كەتكەچكە، خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالغانىدى، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىدى. مەن ئۇلارغا ئۆينى چېقىۋېتىپ قايتا سېلىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىدىم، ئۇلارنىڭ چېقىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئۆي سالىدىغانغا پۇل يوق، دېدى. مەن ئۇلارغا كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بار، مەندەك تۇغقىنىڭلار بار، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئامال قىلساقلا ئۆينى قايتا سالالايمىز، دېدىم، ئۇلارنىڭ چىرايىدا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۇغقاندارچىلىق مېھرى مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ.

ھەربىر كىشىنىڭ بەختى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىگە يېڭى ھارارەت قوشتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھەر قېتىم زىيارەت قىلغاندا تۇغقانلىرىمنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرسەم، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ھەر كۈنى تىرىشىپ ياخشى ئىش قىلساق، ئەمەلىي ئىش قىلساق، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلساق، كىچىك ئىشلار بولسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ قىلساق، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ قىلساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ.

مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى