تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قەدىمدىن ھازىرغىچە سانسىزلىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان غايىسى بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىرادىسىدىن قايتماي ئىزدىنىدىغان نىشانى.

ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، چوقۇم پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز.

 ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش    تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش

تۈزۈم دۆلەتنى مۇقىم قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ كاپالىتى.

«ئومۇمىي يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ تەرەپلەردە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، دەپ تەكىتلەندى. بۇ ئەۋزەللىكلەر پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك قاتارلىق 13 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي، سىستېمىلىق، ئوبيېكتىپ بولغان ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئېچىپ بەردى، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ <شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش>ىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ھېبى سالام مۇنداق دېدى: «بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك».

ئومۇمىي يىغىندا: خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ماينۇر ئۆمەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچ − ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىدا. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سۆزلەپ، تەرەققىيات ئۈچۈن چارە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ يەنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنى ياخشى داۋاملاشتۇرىمەن، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرىمەن.

 تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش    ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقاندا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، جەزمەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رايون باشلىقى لى خېزۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات رايونى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەر بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى قاتارلىقلارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىشىغا، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى بىر سەكرەپلا شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئالتۇن نام كارتىسىغا ئايلاندى، بۇ بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى بارغانسېرى ئاشۇردى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چوڭ بازار تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چوڭ بازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنجيەن مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا كەم - كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىمىز».

 ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش    تۈزۈمنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىنى قوزغىتىش

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، تۈزۈمنى جايىدا ئىجرا قىلىپ، سىياسەتنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياۋ شىنچياڭ مۇنداق دېدى: ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى چوقۇم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ساياھەت، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا: ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قورغاس شەھىرى قارا سۇ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كوچا باشقارمىسى ئاھالىلەرگە قارىتا «360 گىرادۇس»لۇق مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇپ، شەخس، ئائىلە جەملىمە نومۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ خوجايىنلىق ئېڭىنى قوزغاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، كوچا باشقارمىسىنى تېخىمۇ گۈزەل، ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن.

«كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى مېيى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى مۇساجان نۇرۇللا مۇنداق دېدى: «مەن باشتىن - ئاخىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، پەن خۇڭيى، شيې خۇيبيەن، جەزىرە نېسىپبېك، جاۋ چۇنخۇا، ما يىنىڭ، لياڭ لىخۇا، يۈ شى، تاڭ كەندۇڭ، خې لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ يىنبو يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى