تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئالاھىدە رايوننىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى: فۇ يۇڭيوۋ

فۇ يۇڭيوۋنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شيۇڭيىڭ، ماۋ شىن) 1980 - يىلى 8 - ئايدا، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى رەسمىي قۇرۇلدى، ئالاھىدە رايوندىكى ئېگىز بىنالار بىلەن ماس قەدەمدە ياسالغان ئاشۇ ئالاھىدە رايوننى چۆرىدىگەن سىم توسۇق «ئىككىنچى سەپ» دەپ ئاتالدى. «ئىككىنچى سەپ» قۇرۇلۇشىغا سابىق گۇاڭدۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى 7 - تارماق ئەترىتىدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ياشلىق باھارى، تەرى ۋە ئىسسىق قېنى سىڭگەن بولۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۇنىڭدىن باشتىن - ئاخىر مېھرىنى ئۈزەلمەي كەلدى، تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى بۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربان − «ئالاھىدە رايوننىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى» فۇ يۇڭيوۋ ئىدى.

فۇ يۇڭيوۋ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭجياڭ لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن، 1971 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، 1990 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، سابىق گۇاڭدۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ 7 - تارماق ئەترىتى 4 - چوڭ ئەترەت 20 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى.

1992 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 19دا، 20 - ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جەڭچىسى فۇ يۇڭيوۋ بىلەن شۈ جيەنخۇا دەل ۋاقتىدا ئالاھىدە رايون باشقۇرۇش لىنىيەسىدىكى بىر تېرىقچىلىق قاراۋۇلخانىسىغا بېرىپ چارلىغان. ئۇلار يېقىنلا يەردە تۆت ئادەمنىڭ ئورمانلىقتىن چىقىپ، تىمىسقىلىغىنىچە سىم توسۇققا يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرگەن. فۇ يۇڭيوۋ بىلەن شۈ جيەنخۇا دەرھال ھوشيارلىق بىلەن سىم توسۇققا 15 مېتىر كېلىدىغان دەرەخ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ، پۇرسەت كۈتۈپ ھۇجۇمغا ئۆتمەكچى بولغان. بىر ئازدىن كېيىن، تۆت ئادەمنىڭ ئىككىسى سىم توسۇقتىن يامىشىپ ئۆتكەن، فۇ يۇڭيوۋ بىلەن شۈ جيەنخۇا ئېتىلىپ بېرىپ بىردىن قارا نىيەتنى تۇتۇۋالغان. سىم توسۇق سىرتىدىكى ئىككى ئادەم شېرىكلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھىيلىگەرلىك بىلەن يوشۇرۇنۇۋېلىپ پۇرسەت كۈتۈپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغان. فۇ يۇڭيوۋ شۈ جيەنخۇاغا مۇنداق دېگەن: «سەن ئاۋۋال بۇ ئىككى قارا نىيەتنى يالاپ ئاپىرىپ قوي، مەن قېلىپ قاراۋۇللۇق قىلاي.» شۈ جيەنخۇا كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قانۇنسىز ئۇنسۇر پۇرسەت كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، سىم توسۇقتىن ئۆتۈپ ئالاھىدە رايونغا بۆسۈپ كىرگەن. بىر چەتتە يوشۇرۇنۇپ ياتقان فۇ يۇڭيوۋ ئېتىلىپ چىققان، قارا نىيەت جېنىنىڭ بارىچە قاچقان، فۇ يۇڭيوۋ قوغلىغان، 20 مېتىرچە قوغلىغاندىن كېيىن، ياۋا ئوت - چۆپلەر بېسىپ كەتكەن قۇرۇپ كەتكەن ئېرىقتىن ئۆتكەندە، فۇ يۇڭيوۋ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ قارا نىيەتنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان. ئېلىشىش جەريانىدا، ياۋۇز قارا نىيەتنىڭ ئىككى كۆزى قانغا تولۇپ، يېنىدىكى ئۆزى ياسىۋالغان تاپانچىنى چىقىرىپ، بۇرۇلۇپ فۇ يۇڭيوۋنىڭ بېشىغا قارىتىپ تەپكىنى باسقان...

سەپداشلىرى ئەتىسى سەھەر سائەت 5تە فۇ يۇڭيوۋنى تاپقاندا، ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى ئېقىپ تۈگىگەنىدى. 1992 - يىلى 1 - ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى فۇ يۇڭيوۋغا تولۇقلاپ 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يازغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىغان، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت فۇ يۇڭيوۋغا «ئالاھىدە رايوننىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى» دەپ نام بەرگەن.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شېنجېن ئىلگىرىكى بىر چېگرا كىچىك بازىرىدىن زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى