جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»ى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

ئومۇمىي يىغىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى)

■ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر

■ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئومۇمىي نىشانى − پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2019- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقانلاردىن مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 202 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 169 كىشى بار. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»ى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى ۋە مۇجەسسەملىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئىسلاھاتنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر غەلىبىلىك تاماملاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قەتئىي ياخشى قىلىندى ۋە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە بولغان، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولالايدىغان، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ تەرەپلەردە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئاساسلىقى: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش خەلققە مەھكەم تايىنىپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە خەلق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلىنىش ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم بىلەن بازار ئىگىلىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئورتاق غايە - ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىدىيە، روھىي جەھەتتىن زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر بولۇش جەمئىيەتنى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشقا قويۇش تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روشەن ئەۋزەللىك؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك. بۇ روشەن ئەۋزەللىكلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەزمەن ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچەپ ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي نىشانى − پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەزمەن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جەزمەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئورنىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنىڭ بىر گەۋدە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەمۇرىي تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك مۇھىم، زور ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بارلىق مەمۇرىي ئورگانلار جەزمەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمى ھەم سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتى، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدۇر. جەزمەن سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىش كېرەك. قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، قوللاپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ پۇختا تىرىكى. جەزمەن مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئىبارەت تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ماھىيەتلىك تەلىپى. بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى جەزمەن تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى. جەزمەن جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان، پەن - تېخنىكا تىرەك قىلىنغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. جەزمەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى. جەزمەن شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەربىي ئىشلار سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. خەلق ئارمىيەسىگە بولغان ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە قوماندانلىق ھوقۇقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەنسۇپ بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پۈتۈن جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. جەزمەن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشنى چىڭىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك. ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە ئورتاق قارشى تۇرۇش، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەزمەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىدىكى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ كەسكىنلىكى، ماسلىشىشچانلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي بولغان، ئىجرا قىلىش قەتئىي بولغان، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن - ئاخىر خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈم نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىشى، تۈزۈمنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، تۈزۈمنى قەتئىي قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۈزۈم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. كەڭ كادىرلارنىڭ قەتئىي ھالدا تۈزۈم بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى يولداش ما جېڭۋۇ، ما ۋېيمىڭنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاش قارار قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يولداش ليۇ شىيۈنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئىلگىرى چىقارغان يولداش ليۇ شىيۈنى پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىش بېكىتىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.