تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى ھەم قارار چىقاردى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر - ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى چىقىش قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە قانۇنىيىتى توغرا ئىگىلىنىپ، «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ھەم جەزمەن پۇختا چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم، زور تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلار شەرھلىنىپ، ھەم تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تارىخنى يەكۈنلەش بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ بىرلىكى، ئىرادىنى ساقلاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكى، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر - ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق مۇددەت ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەم ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر. يېڭى جۇڭگو 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە بولغان، خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولالايدىغان، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈردىكى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى نۇرغۇن تەرەپلەردە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ روشەن ئەۋزەللىكلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىنىشىدا دەل بۇنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، جەزمەن بۇنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللىشىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ تەلەپ، جەزمەن بۇنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى، جەزمەن تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى تەرتىپچان قىلىشتا تۈزۈمنى توغرىلاش كېرەك». جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى شۇكى، پارتىيەمىز قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچەپ ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرغاندىلا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئىلمىي پىلانلاپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۈزۈم ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمنى ھۆرمەتلەش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى