تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىككى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇش كېرەك

1996- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگونىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسىر ھالقىيدىغان تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت − «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى.

پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئالدىدا، دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەك. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كىرگەندە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئاستىدا، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولدى.

1996-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش تەلىپى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىللىق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي نىشانى بېكىتىلدى.

قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە باش تەلىپى: ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، توغرا ئاممىۋى پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئالىيجاناب روھ ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان سوتسىيالىزم پۇقرالىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ساھە بەرپا قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئاممىۋى پائالىيەت ھەمدە جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسىپ ئەخلاقى ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى تەربىيەسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى