تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

گىراناتنى پارتلاتقان جىنايەتچىگە جان پىدالىق بىلەن ئېتىلىش

بىرىنچى دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى لى جۇڭگۈي:

گىراناتنى پارتلاتقان جىنايەتچىگە جان پىدالىق بىلەن ئېتىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 10- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يەن) يېزا - كەنت دوختۇرى، ئوقۇغۇچى، ھەربىي، ساقچى... 1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى لى جۇڭگۈي ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان. مەيلى قەيەردە بولسۇن، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ نۇرىنى جۇلالاندۇرغان. ئۇ جىنايەتچىنى تۇتماقچى بولغاندا، سەپدىشىنى قوغداش ئۈچۈن گىراناتنى پارتلاتقان جىنايەتچىگە قەتئىيلىك بىلەن ئېتىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 35 ياشتا ئىدى.

لى جۇڭگۈي 1956- يىلى تۇغۇلغان، يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن جۇاڭزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇنىڭ ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، جۇاڭزۇ مىللىتىدىن. 1972- يىلى فۇنىڭ ناھىيەسىدە سەھىيە تەربىيەلەش كۇرسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لى جۇڭگۈي لاڭخېڭ يېزىلىق شىپاخانىدا دوختۇر بولغان. فۇنىڭ ناھىيەسىدە بەزگەك كېسىلى كەڭ دائىرىدە تارقالغاندا، ئۇ ھەر كۈنى دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاممىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە داۋالىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

1977- يىلى لى جۇڭگۈي چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە كىرىپ، قىسىمدا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ سانىتار بولغان. 1978- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، كېيىن پەيجاڭلىققا تەيىنلەنگەن ھەم داليەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ھەربىي مەكتەپتە ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا ئىككى قېتىم تەقدىرلەنگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ تەقسىم قىلىنغان خېيلۇڭجياڭ چېگرا مۇداپىئە 6- تۇەنىدە يەتتە يىل تۇرغان.

1987- يىلى 12- ئايدا، لى جۇڭگۈي كەسىپ ئالماشتۇرۇپ فۇنىڭ ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ساقچىخانىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى لى جۇڭگۈينى ھەمىشە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنى توسۇشقا دەۋەت قىلغان. ئەينى چاغدا، بىر ئەر ئۆزى ياسىۋالغان پوروخ مىلتىقنى يوشۇرۇن ساقلىغان ھەم قاتىللىق قورالىنى ئېلىپ دائىم ۋوگزال ئەتراپىدا بۇلاڭچىلىق قىلغان، يانچۇقچىلىق قىلغان، ئۆتكەن - كەچكەن ئامما بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنگەن. لى جۇڭگۈي ئۈچ كېچە - كۈندۈز مۆكۈپ يېتىپ، ئاخىرى بۇ ئەرنى تۇتۇۋالغان.

1991- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، تۆت قارانىيەت شەھەر رايونى شىنخۇا بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا بۇلاڭچىلىق قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. ساقچىخانا مەلۇم قىلىنغان دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تېزلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاۋ XXنى تۇتقان، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن، فۇنىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى ئاجرىتىپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تۇتۇشنى يولغا قويغان. 13- كۈنى سەھەر سائەت 1دە، لى جۇڭگۈي ۋە سەپداشلىرى جاۋ XXنى يالاپ، قارانىيەت «لاۋفېي»نىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا قاراپ ماڭغان. ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ئاچقاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى غۇۋا قول چىراغ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلاڭچى جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. «لاۋفېي»نىڭ ئۆيىدە يەنە ئۇنىڭ يەڭگىسى ۋە بالىلىرى بولغانلىقتىن، بىگۇناھ كىشىلەرنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى ئۇنى ئامال قىلىپ ئۆيدىن چىقىرىشنى قارار قىلغان. «لاۋفېي» ئالداپ ئىشىك سىرتىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى قول چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە تۇتقان، بىر خەلق ساقچىسى ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ئاختۇرغاندا، «لاۋفېي» تۇيۇقسىزلا ئېگىز كۆتۈرۈگلۈك ئىككى قولىنى پەسكە چۈشۈرۈپ، تېزلىكتە ئىشتان يانچۇقىغا سالغان. بىر خەلق ساقچىسى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ھەم «ئۇنىڭدا گىرانات بار ئىكەن، ئۇنى تۇتۇۋالايلى!» دەپ ۋارقىرىغان، لى جۇڭگۈي چاقماق تېزلىكىدە قارانىيەتكە ئېتىلىپ، قارانىيەتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھەم ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ئارقىسىدىكى سەپداشلىرىنى توسۇۋالغان. غايەت زور ئاۋازدىن كېيىن، لى جۇڭگۈي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

1991- يىلى 10- ئايدا، لى جۇڭگۈيگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلگەن، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلانغان.

لى جۇڭگۈي قۇربان بولغاندا، ئوغلى لى گوبىن ئەمدىلا ئون ياشتا، قىزى ئالتە ياشتا ئىدى. ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ۋە سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكى لى گوبىننىڭ ھازىرغىچە ئېسىدە. ئىلگىرى، ئۆيىدىكىلەر پۈتۈنلەي دادىسىنىڭ كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى يوق بولدى، قەيسەر ئانا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئاكا - سىڭىل ئىككىيلەننى باقتى. گەرچە نۇرغۇن جاپا تارتقان بولسىمۇ، ئەمما ئانا ئىزچىل دادىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىككى بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتتى.

لى گوبىن ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. 2004- يىلى يۈننەن ساقچى - ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ، كېيىنكى يىلى فۇنىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە كىردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ دادىسىغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلدى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىپ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى بولدى. «گەرچە مەن بىر ئادەتتىكى ساقچى بولساممۇ، قىلغان خىزمىتىم دادامنىڭكىدەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما دادامغا ئوخشاش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ، ئىش ئورنۇمنى چىڭ ساقلاپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلدىم» دېدى لى گوبىن. ساقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لى گوبىن كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر مەمۇر، ئوت مۇداپىئەسىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، دادىسىنىڭ روھى ئۇنى ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى