تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ دىڭچۈەن: چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان «چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى نەمۇنىچى كادىر»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ شياۋخۇڭ) شىزاڭ ھەربىي رايونى چىڭخەي - شىزاڭ ئەسكەرلەر پونكىتى قىسمى ھەربىي تارىخ سارىيىدا، بىر ھەيكەل چىراغ ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ھەيكەلگە «جاڭ دىڭچۈەن» دېگەن ئۈچ چوڭ خەت ئويۇلغانىدى. ئېكسكۇرسىيەگە، كۆرۈپ ئۆگىنىشكە كەلگەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جايدا قەدىمىنى توختىتىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قۇربان بولغان قەھرىماننى ياد ئېتىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلايدۇ.

جاڭ دىڭچۈەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چۈنخۇا ناھىيەسىدىن، 1953- يىلى تۇغۇلغان، 1969- يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1971- يىلى پارتىيەگە كىرگەن بولۇپ، شوپۇر، سەنمۇ، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئېگىز، سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، دېڭىز يۈزىدىن 5000 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاڭگۇلا تېغىدىن 100 قېتىمغا يېقىن ھالقىپ ئۆتكەن، نەچچە ئون قېتىم شىۋىرغان - جۇدۇن قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققان، شىزاڭغا كىرىپ ماددىي ئەشيا توشۇش ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇندىغان.

ئورگاندا خىزمەت قىلغان 13 يىلدا، جاڭ دىڭچۈەن 100 مىڭ قېتىمغا يېقىن ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، شىزاڭغا كىرىپ مىليون توننىغا يېقىن ماددىي ئەشيانى توشۇشقا قاتناشقان؛ نەچچە مىليون خەتلىك ھۆججەت تەييارلىغان، تۈزىتىش كىرگۈزگەن، ئۇ تەشكىللەپ تۈزگەن «چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسى تىرانسپورت خىزمىتى قوللانمىسى» ئېگىزلىكتە توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن، پۈتۈن ئارمىيەدە داڭق چىقارغان ئاپتوموبىل قىسمىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسىدە قالدۇرغان. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۇزاق مۇددەت ئاغرىق ئازابىنى تارتقان ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادە بىلەن كېسەل بىلەن ئېلىشىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلغان.

ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، پاك - دۇرۇس ئىدى، ئەزەلدىن شەخسىي ئىشى ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ باقمىغان، ئەزەلدىن ھۆكۈمەتنىڭ بىر پۇڭ پۇلىنىمۇ قالايمىقان خەجلىمىگەن، باشتىن - ئاخىر بىر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى ساقلىغان. ئۇ قەيسەر ئىرادە بىلەن، ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ، ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قىزغىن مەدھىيەلىگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «قار ياغقاندا تاڭگۇلانى زىيارەت قىلىش» رومانى ۋەكىللىكىدىكى 40 نەچچە پارچە ئەدەبىي ئەسەرنى ئېلان قىلغان.

1990- يىلى 5- ئايدا، قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەسىھەتىگە قارىماي، ئاغرىق ئازابىغا چىداپ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت ئورنىدا ھوشىدىن كەتكەن. 1991- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، جاڭ دىڭچۈەن ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى ئاران 38 ياشتا ئىدى.

1991- يىلى ئۇ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون تەرىپىدىن «ئىككىدىن ئۆگىنىش» ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەنگەن. 1991- يىلى 5- ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۇنىڭغا «چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى نەمۇنىچى كادىر» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. كېيىن يەنە «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، مۇھىم، زور تەسىرگە ئىگە ئىلغار نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ سايلانغان.

يولداش جاڭ دىڭچۈەننىڭ ئىش ئىزلىرى تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئارمىيە ئىچى - سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، پۈتۈن ئارمىيەدە «قەھرىمان نەمۇنىچىدىن ئۆگىنىش، قەھرىمان نەمۇنىچىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش» دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

«يولداش جاڭ دىڭچۈەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماسلىقى، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشى، جاپالىق ئىگىلىك تىكلىشى بولغاچقىلا، ئاندىن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى نەمۇنىچى ئەسكەرلەر پونكىتى قىسمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان.» چىڭخەي - شىزاڭ ئەسكەرلەر پونكىتى قىسمىنىڭ جېڭۋېيى تيەن لىن مۇنداق دېدى: بۇ قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يولداش جاڭ دىڭچۈەننى ئۈلگە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا «ئادەتتىن تاشقىرى جاپادىن قورقماسلىق، ئادەتتىن تاشقىرى بەرداشلىق بېرىش، ئادەتتىن تاشقىرى جەڭ قىلىش»تەك «ئۈچ ئادەتتىن تاشقىرى» ئىنقىلابىي روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، سەمىمىي ساداقەت بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، قار - شىۋىرغانلىق چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسىدە سادىقلىق بىلەن ئېگىزلىكتىكى ھەربىيلەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى