تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرىنىڭ «ئون چاقىرىملىق ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەلبېغى» تۈرىدە قۇرۇلۇش پۈتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فۇ جالى خەۋىرى، فوتوسى) كىچىك تىپتىكى تەنھەرىكەت مەيدانى، پىلاستىك ماتېرىيال يېيىتىلغان كانكى تېيىلىش مەيدانى، ئۇزۇن پىيادىلەر يولى ئالدى تەرەپكىچە ئۇزارتىلغان... يېقىندا، نۇرغۇنلىغان سانجى شەھىرى ئاھالىسى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونىدا ئېكولوگىيەلىك يېشىللىق مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆردى. كەچقۇرۇن، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردە راھەت سەيلە قىلىدۇ، بالىلار بۇ يەردە خۇشال ئوينايدۇ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تۇتىشىدىغان شەرقىي چوڭ دەرۋازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونى 2019-يىلى يېڭىدىن ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش مەنزىرە بەلبىغى قۇردى. بۇ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بارىدىغان ياخشى جايى بولۇپلا قالماي، سانجى شەھىرىگىمۇ ھۆسن قوشتى.

  سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ مىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سانجى شەھىرىنىڭ شەرقىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش مەنزىرە بەلبىغىغا جەمئىي 66 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن يەر بەلباغسىمان قىلىپ ياسالغان، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 5.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 321 مىڭ 273 كىۋادرات مېتىر. پۈتۈن تۈر شەھەر ئۈچۈن تەبىئىي، مەدەنىيەت، تەنھەرىكەت، ئىستىراھەت ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە رايونى بەرپا قىلغان، يەنە ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈنمۇ يېشىل ئېكولوگىيە كارىدورى بەرپا قىلغان. بۇ تۈرنىڭ ھەممىسى ھازىر تاماملىنىپ بولغان.

  «باغچىنىڭ ئىچكى قىسمىدا شەكىللەنگەن كۆپ خىل سەيلە قىلىش شەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىسىتېرېئولۇق سەيلە-ساياھەت قاتناش تورى ساياھەتچىلەرگە مول يېشىل مەنزىرە ۋە تەبىئەتكە يېقىنلىشىدىغان بوشلۇق مۇھىتىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.» دېدى جاۋ مىن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ مەنزىرە بەلبىغى لايىھەلەنگەن رايوندا، باغچە رايونى يەنە  ئەسلىدىكى يەر شەكلىنىڭ ئېگىزلىك پەرقىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق لايىھىلەنگەن بولۇپ، مول مەنزىرە بوشلۇقى قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن، پەلەمپەيسىمان يەر مەنزىرىسى، يانتۇ يەر مەنزىرىسىگە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىي تۈركۈملىرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۆپ دەرىجىلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ بوشلۇققا ئىگە شەھەر مەنزىرە كۆكەرتىش بەلبىغى بەرپا قىلغان.

  «بۇ يەردە ئۆسۈملۈكلەر كۆپ، ھاۋا ساپ، پىلاستىك ماتېرىيال يېيىتىلغان يۈگۈرۈش مەيدانى ناھايىتى يۇمشاق، سەيلە قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، تەنھەرىكەت كىچىك مەيدانى بالىلارغا بىخەتەر پائالىيەت مەيدانى ھازىرلاپ بەردى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەر كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.» دېدى باغچىنىڭ پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلىۋاتقان سانجى شەھىرى ئاھالىسى ما ئەپەندىم.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەلبىغى ئوتتۇرىسىدىكى يېشىل يولغا ئۆلچەمگە ئاساسەن ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئارام ئېلىش ئورنى قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى، سەيلە- ساياھەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى