1995- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار»نى ئېلان قىلىپ، پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ دىققىتىنى كەڭ دائىرىدە قوزغىدى.
پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەزەرىيە ئاساسى دېڭ شياۋپىڭنىڭ «پەن - تېخنىكا − بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دېگەن ئىدىيەسىدىن كەلگەن. 1977- يىلى، دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: «بىز زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىمى پەن - تېخنىكىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك» «قۇرۇق گەپكە تايىنىپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، چوقۇم بىلىم بولۇشى، ئىختىساسلىقلار بولۇشى كېرەك». 1988- يىلى، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «پەن - تېخنىكا − بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دەپ كۆرسىتىپ، پەن - مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىسى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
1995- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئايدا، بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭدا مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنىنى ئاچتى. جياڭ زېمىن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش پەن - تېخنىكا − بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېگەن ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ھەم ئۇنى رېئال ئىشلەپچقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يولىغا سېلىپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ».
1996- يىلى 3- ئايدا، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىدا رەسمىي تەستىقلانغان «خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ <9- بەش يىللىق> پىلانى ۋە 2010- يىللىق كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى» پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە دۆلەت ئىرادىسىگە كۆتۈردى. 1997- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 15 - قۇرۇلتىيىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)