تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ 12 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا 12 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ساياھەت تىجارەتچىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

12 تۈرلۈك تەدبىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ساياھەت تىجارەت ئاپپاراتلىرى، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى، ساياھەت ئەسلىھەلىرى مۇلازىمەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئېنىق قېلىپلاشتۇردى. ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، ئىستېمالچىلارنى ئالداش ھەم مال سېتىۋېلىش ياكى ئايرىم ھەق تۆلەيدىغان ساياھەت تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق شېرىنكانە ئېلىش قاتارلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا ياكى جازالاشقا ھوقۇقلۇق. ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە، ساياھەتچىلەر بىلەن توختام ئىمزالىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچىلەر ساياھەت توختامى ئىمزالىغاندا، ساياھەت توختامىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى چىن، توغرا، مۇكەممەل چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت مۇساپىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مەنزىلى ۋەرەقىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە، يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلمىسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى چەكتە جازا بېرىلىدۇ، ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ ئۈچ ئاي تەرتىپكە سالىدۇ.

تەدبىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە تاشيول بويلىرىدىكى دەم ئېلىش رايونلىرى، بېكەت قاتارلىق ساياھەت مەركەزلەشكەن جايلاردىكى مال سېتىۋېلىش سورۇنلىرى ۋە باشقا مال سېتىۋېلىش دۇكانلىرى ساياھەت كوپىراتىپى ياكى يول باشلىغۇچى خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، مال سېتىۋېلىش ئارقىلىق شېرىنكانە بېرىشكە، ساياھەت كوپىراتىپىغا ياكى يول باشلىغۇچىلارغا پۇل - مال بېرىشكە بولمايدۇ ياكى باشقا ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ساياھەت ئۆمىكىنى مال سېتىۋېلىشقا ياكى تاۋارلارغا خېرىدار تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تىجارەتچىلەردە يۇقىرىقى قىلمىشلار كۆرۈلسە، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىپ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

تەدبىردە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ساياھەت يېتەكچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت يېتەكچىسى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت بەلگىسىنى تاقاپ، «مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىلىرى ئائىلىسى» APPسىنى ئېچىشى كېرەك. ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەت مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلمىسا، ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار 500 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ. تەۋەلىكتىكى ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەت مۇلازىمىتى پائالىيىتىدە ساياھەتچىلەرنى تاۋارغا خېرىدار بولۇشقا ياكى ساياھەتچىلەرنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ؛ ساياھەتچىلەردىن ئاشكارا ياكى بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى بىلەن «تاپان ھەققى» تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛ ساياھەتچىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئالداشقا ياكى مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلگەن بولسا، ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

تەدبىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تەۋەلىكتىكى ساياھەت مېھمانسارايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تازىلىق مۇھىتى ناچار بولۇش، «ھەممىگە قادىر دەسمال» ھەمدە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى لاياقەتسىز بولۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يۇقىرىقى مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇلارنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ۋىۋىسكىسىنى ئېلىپ تاشلاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. تەۋەلىكتىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تېڭىپ سېتىش، باغچىنىڭ ئىچىدە باغچە بولۇش، ئۈستىلەپ بېلەت ئېلىش، خېرىدار تالىشىش، يۇقىرى باھالىق يېمەك - ئىچمەك، ساختا تاماق تىزىملىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، نۇقتىلىق تۈزىتىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يۇقىرىقى مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ساياھەتچىلىككە مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ۋىۋىسكىسىنى ئېلىپ تاشلاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى