تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋېي شېڭلۆ: ئۆزى يالغۇز ئىككى قارا نىيەت بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ، يېشىل تاغنى قانغا بوياپ، ساقچى روھىنى تاۋلاش

ۋېي شېڭلۆنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ ياۋتېڭ) گۇاڭشى رۇڭئەن ناھىيەسىنىڭ ياياۋ يېزىسى داچىن كەنتى تۇڭجياتۈندىكى تاغ ئېتىكىدە، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بازارغا بېرىش ئۈچۈن دائىم ماڭىدىغان تاغ يولىنىڭ تاشلىنىپ قالغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغانىدى. ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن بۇ چىغىر يولدا، رۇڭئەن ناھىيەلىك ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى مېڭ مېڭ ھېلىمۇ ناھايىتى تېزلا ئاشۇ جاينى تاپالايتتى، دەل مۇشۇ يەردە، ئۇنىڭ بىر سەپدىشى ئۆزى يالغۇز ئىككى قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىپ، بەختكە قارشى تۆت يېرى پىچاق بىلەن زەخىملىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇ دەل ۋېي شېڭلۆ.

ۋېي شېڭلۆ 1963- يىلى، گۇاڭشىنىڭ رۇڭئەن ناھىيەسى ياياۋ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1981- يىلى 18 ياشقا كىرگەن ۋېي شېڭلۆ ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، قىسىمدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم تەقدىرلەنگەن. 1985- يىلى ۋېي شېڭلۆ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، رۇڭئەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خېدۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى، ياياۋ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى، ياياۋ ساقچىخانىسىنىڭ يېزا ساقچىسى، ياياۋ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان.

1985- يىلى، ۋېي شېڭلۆ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ، رۇڭئەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بولغان، ئاساسلىقى ناھىيە بازىرىدا يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ۋە چارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. كۈندۈزى ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە رۇڭئەن ناھىيەسى چاڭئەن بازىرىدىكى پىرىستان، ۋوگزال قاتارلىق جايلارنى چارلىغان؛ كەچتە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېدۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك چارلىشىغا قاتنىشىپ، كېچىدە ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىزمەت ئىپادىسى ئاكتىپ بولغاچقا، ۋېي شېڭلۆ ناھايىتى تېزلا ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلانغان. 1986- يىلى، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى خىزمەتتىكى گەۋدىلىك ئىپادىسىگە ئاساسەن، «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئامانلىق باشقۇرۇش ئورنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

1987- يىلى، ۋېي شېڭلۆ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كادىرلاردىن ساقچى قوبۇل قىلىش يولى بىلەن، رۇڭئەن ناھىيەسى ياياۋ يېزىسىنىڭ يېزا ساقچىسى، خەلق ساقچىسى بولغان. «مەيلى ئالدىنقى سەپ قانچىلىك خەتەرلىك بولسۇن، جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇ ھەمىشە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى» دېدى ۋېي شېڭلۆ بىلەن ياياۋ يېزىلىق ساقچىخانىدا بىللە ئىشلىگەن مېڭ مېڭ.

1988- يىلى 12- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋېي شېڭلۆ ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خەلق ساقچىسى بىلەن گۇاڭشىنىڭ گۇيلىن شەھىرى يۇڭفۇ ناھىيەسى شوۋچېڭ يېزىسىغا بېرىپ زاڭ مالنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولغاندا، شوۋچېڭ ۋوگزالىدا دېلو سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگىلى يېرىم يىلدىن ئۇزاقراق بولغان باسقۇنچىلىق، ئوغرىلىق دېلوسىدىكى جىنايەتچى لىن Xجيەننى ئۇچرىتىپ قالغان، شۇ چاغدا لىن Xجيەننىڭ قولىدا چوشقا ئۆلتۈرىدىغان قىڭراق بار بولۇپ، ۋېي شېڭلۆ جىنايەتچى لىن Xجيەننىڭ ھەر ۋاقىت پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلىش خەۋپى بارلىقىغا قارىماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇنى تۇتۇپ دېلونى ئاخىرلاشتۇرغان.

1991- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئەسلىدە ئۆيىدە ئارام ئېلىشقا تېگىشلىك ۋېي شېڭلۆ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىخانىغا بېرىپ نۆۋەتچىلىك قىلغان. بۇ چاغدا ئامما ئۆزىنى «ۋېي ئائىلىسىنىڭ تۆتىنچى ئوغلى» دەپ ئاتىۋالغان، ئەسلىي ئىسمى جاڭ Xسى بولغان، قېچىپ يۈرگەن ئوغرىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياياۋ كوچىسىدا پەيدا بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ۋېي شېڭلۆ ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خەلق ساقچىسى بىلەن بىللە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىگە ئەگىشىپ، كوچىدا جاڭ Xسىنى ئىزدىگەن.

يولدا بەك تېز يۈگۈرگەچكە، يەنە بىر خەلق ساقچىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، ۋېي شېڭلۆ سەپدىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەرگەن. نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ يولىدا قوغلىغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنى يىتتۈرۈپ قويغان، ۋېي شېڭلۆ تاغ يولى بويىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئۇنى ساقلىغان، ئۇزاق ئۆتمەي، جىنايەت گۇماندارى تاغ يولىدا پەيدا بولغان. ۋېي شېڭلۆ ئېتىلىپ بېرىپ جاڭ Xسىنى يەرگە بېسىۋالغان، جاڭ Xسى ۋېي شېڭلۆنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئىككىسى كەسكىن ئېلىشقان. ۋېي شېڭلۆ تەرىپىدىن بوينى قىسىلىپ يەرگە چىڭ بېسىۋېلىنغان جاڭ Xسى تىركىشىپ شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرغان، شېرىكى ۋېي Xدۇەن ئېتىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ۋېي شېڭلۆنىڭ بوينىنى قىسىپ، ئۇنى يەرگە يىقىتقان، جاڭ Xسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىچاق چىقارغان.

ئۇچىغا چىققان ئىككى ياۋۇز قارا نىيەت ئالدىدا، ۋېي شېڭلۆ قىلچە قورقماستىن باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بەرگەن. ئېلىشىش جەريانىدا، جاڭ Xسى ۋېي شېڭلۆگە ئارقا - ئارقىدىن تۆت قېتىم پىچاق تىقىۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىملىق پىچاق ۋېي شېڭلۆنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتكەن، ۋېي شېڭلۆ بەختكە قارشى نەق مەيداندا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 28 ياشتا ئىدى.

ۋېي شېڭلۆ قارا نىيەتلەر ئالدىدا قىلچە چېكىنمەي، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن شانلىق ساقچى روھىنى تاۋلاپ، پارتىيەگە سادىق، ۋەتەنگە سادىق، خەلققە سادىق، قانۇنغا سادىق بولۇشتەك جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن. 1992- يىلى، ۋېي شېڭلۆگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى 2- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن، شۇ يىلى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلانغان.

ۋېي شېڭلۆنىڭ ئاكىسى ۋېي شېڭيۇڭنىڭ ئۆيىدە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تارقاتقان «ئىنقىلابىي قۇربان گۇۋاھنامىسى» ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۈستىگە «جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرىنى جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دەپ يېزىلغان خاتىرە تاختا مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىپ قويۇلغانىدى. ئوخشاشلا ساقچى بولغان، تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ۋېي شېڭيۇڭنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىككى نەۋرىسى بار. «مەن دائىم ئۇلارغا ئۇكامنىڭ قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، ئەگەر كېيىن ئۇلار ساقچى بولىمەن دېسە، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن» دېدى ۋېي شېڭيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى