تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا - كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر گۇەن چياۋچياۋ) ھازىر قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئېگىز يەر يېزىسىدا ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىدى. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغان گۈلخان خۇداۋەردى ھاۋانىڭ سەل سوغۇقلىقىغا قارىماي ھويلىنى تازىلاشقا باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن گۈللۈك خىش ياتقۇزۇلغان يەرگە سۇ سېپىپ، پاكىز سۈپۈرگەندىن كېيىن، پاكار تامدىكى بىر نەچچە تەشتەك گۈلنى سۇغىرىپ قويدى، ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ تام بىلەن ئايرىۋېتىلگەن قوتانغا كىرىپ قوي - كالىلىرىغا يەم بەردى، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىلىدىغان تەرتىپلىك ھەرىكىتىگە ئايلانغانىدى.

«ھازىر، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھويلىنى تازىلاپ قوي - كالىلارغا يەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ناشتىغا تەييارلىق قىلىمىز.» گۈلخان خۇداۋەردى مۇنداق دېدى: ھويلا پاكىز، رەتلىك بولسا، ئادەم تېتىكلىشىپ قالىدىكەن، روھىي قىياپىتىمۇ ياخشىلىنىدىكەن.

بۇلتۇر شىنجاڭدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامدا، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەردە زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، ھويلا - ئاراننى تۈزەش ئارقىلىق تۇرالغۇ رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىدىن ئىبارەت «ئۈچ رايوننى ئايرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. نۇرغۇن ئاھالە گۈلخان خۇداۋەردىگە ئوخشاش تۇرمۇش مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەردە ئاھالىلەرنىڭ ھويلا - ئاران تازىلىقىدا يوشۇرۇن خەۋپ ئېغىر ئىدى. قوي - كالا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئەڭ كۆپ باقىدىغان چارۋا، لېكىن ئادەم بىلەن چارۋىلارنىڭ مۇھىتى ئايرىلمىغان، قوتانلار قازان بېشىغا يېقىن بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادەم ۋە چارۋىلارغا ئورتاق يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى ئىدى.

«جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە ھەممە ئائىلە دېگۈدەك قوي - كالا قاتارلىق چارۋىلارنى باقىدۇ، تازىلىق ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، بۈرگە كۆپلەپ كۆپىيىدۇ» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ئالىجان ئىسھاق، تازىلىقتا يوشۇرۇن خەۋپ بولغاچقا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش جىددىي زۆرۈر ئىدى، ھويلا - ئاراندا «ئۈچ رايوننى ئايرىش» ئادەم ۋە چارۋىلاردا ئورتاق بولىدىغان كېسەللەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلىدى.

«بۇ يىل ئۆينىڭ ئارقىسىغا قورۇتام سېلىپ، قوي - كالىلارنى ئارقا تەرەپتىكى قوتانغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۆي بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە ئون مېتىر كېلىدۇ، يەنە تېرىقچىلىق رايونىنىمۇ ئايرىدۇق. بولۇپمۇ چىۋىن، ھاشاراتلار ئازىيىپ تازىلىق كۆپ ياخشىلاندى.» قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى رايونىدىكى كۆچمەنلەرنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بولغان تۇڭئەن يېزىسىدا رەناگۈل قارىمەت ھويلىسىغا خىلمۇخىل گۈللەرنى تېرىغانىدى. «ھويلا مۇھىتى پاكىزلىنىپ، سەھرا تۇرمۇشى بەخت تۇيغۇمىزنى ئاشۇردى».

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە كەنتنىڭ مۇھىتىنى تازىلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 5 مىليون 26 مىڭ 700 توننا ئەخلەت تازىلاندى، 735 مىڭ ئورۇندىكى تاشلاندۇق تام كېسەكلەر تازىلاندى، رەتلەندى. «ئىلگىرى نۇرغۇن دېھقاننىڭ ھويلىسىدا كونا ياغاچ، كونا ئۆي جاھازلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ياۋا ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، تاشلىنىپ قېلىنغاندەك ئىدى. ھازىر تازىلىنىپ رەتلەنگەن يەرلەرگە مېۋە - چېۋە، كۆكتات تېرىغىلى بولىدۇ، ئۆز ھويلىسىدىن چىققان بۇ نەرسىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا سالقىندىغىلى بولىدۇ، مۇھىت ياخشىلاندى، ھويلىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولدى.» دېدى ئېگىز يەر يېزىسى تاغلىقئېرىق كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى ياڭ يۇڭشىن.

2018- يىلى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەشكە سالغان مەبلىغى 4 مىليارد 196 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەردە «ئۈچ رايوننى ئايرىش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى