تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتنىشىدا 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق يۈرۈش ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ جىنرۇڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناشقا قارىتا قىشلىق يۈرۈش ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ. تۇنجى ئاپتوبۇس يازلىق ۋاقىت ئاساسىدا 10~20 مىنۇت كېچىكىپ يولغا چىقىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇس يازلىق ۋاقىت ئاساسىدا 20~30 مىنۇت بۇرۇن يولغا چىقىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىشتا ۋاقىتقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىخەتەر توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەتنىڭ 134 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى (36-يول، 44-يول، 931-يول، 104-يول، 907-يول، 502-يول، 1-يول، 45-يول، 902-يول قاتارلىق)دە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تۇنجى نۆۋىتىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 7:30دىن 9:00غىچە (شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى لىنىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن)، ئەڭ ئاخىرقى نۆۋىتىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 20:30دىن 23:30غىچە (شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى لىنىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن) ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق 58 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى (51-يول، 71-يول قاتارلىق)دە تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى شەھەر رايونى لىنىيەسىنىڭ سائەت 7:30دا، شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ 8:00دە ئىكەن؛ ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى شەھەر رايونىنىڭ سائەت 22:00دىن 23:30غىچە، شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ سائەت 21:00دە ئىكەن.

  ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ قىشلىق، يازلىق يۈرۈش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى BRT لىنىيەلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيە ۋە رايون ئارا لىنىيەلىرىنىڭ قاتناش ۋاقتىدا پەرق بولۇپ، تۇنجى ۋە ئاخىرقى نۆۋەت ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

  BRTنىڭ 1- ۋە 2-لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بىردەك سائەت 7:30دا، ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بىردەك 0:00دە يولغا چىقىدۇ. BRTنىڭ 4-لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس 7:30دا، ماشىنىسازلىق زاۋۇتى بېكىتىدە ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 23:00تە، خوڭسەن بېكىتىدە ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 23:20دە يولغا چىقىدۇ. BRTنىڭ 7-لىنىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 7:30دا، ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 23:00تە يولغا چىقىدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئارقا سۇپىدا BRT بېكىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەرۋاقىت كۆزەتكىلى بولغاچقا، ئارقا سۇپا بېكەتتىكى يولۇچى ئېقىمىغا ئاساسەن ئەمەلىي ۋاقىتتا ئاپتوبۇسلارنى تەڭشەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى