تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ئالىي مەكتەپتىكى نامرات يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى بىڭتۇەن 3-شى 44-تۇەنىدە ئۆتكۈزگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئالتۇن باشاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىئانىسى تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۇ شۈيگېن، گۈي مىڭفۇ) يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى بىڭتۇەن 3-شى 44-تۇەنىدە ئۆتكۈزگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئالتۇن باشاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىئانىسى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئېغىر نامرات ئائىلىدىكى 17 نەپەر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىسى 3000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 

   ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى يېزا ئىگىلىك بانكىسى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى، ئالتۇن باشاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى تارمىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماق بانكىلار پائال ھەرىكەتلىنىپ، مېھىر-شەپقەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى مەبلىغىدىن 350 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئېغىر نامرات ئائىلىدىكى 88 بالىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن شۆبىسى «مەسئۇلىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىش»تەك ئۇقۇمنى باشتىن-ئاخىر كەسپىي تىجارەت ۋە ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر ھالقىغا سىڭدۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پۇل-مۇئامىلىدە نامراتلارنى يۆلەشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى جەھەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا بانكىسى بولۇشتەك جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. 2019-يىللىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئائىت بەلگىلەنگەن خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ بانكىنىڭ كۆپ تارماقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ بىڭتۇەن شۆبە بانكىسىنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتى يىرىك پىلانى»، «شىنجاڭ بىڭتۇەن شۆبە بانكىسىنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق كونكېرت ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى كۆپ ئورۇندىن ئاشۇرۇپ، 44-تۇەن ۋە 51-تۇەندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 66 نامرات ئائىلىنى 2 مىليون 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆسۈمسىز قەرزى ۋە ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىناۋەتلىك قەرزى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى