تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۈزۈم بىلەن سامساقنى كۆپ يېيىش قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

  قان ھەر ۋاقىت ۋېنا تومۇرلاردىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھەربىر ئادەمدە چوڭقۇر ۋېنا تومۇر قان نۆكچىسى شەكىللىنىش خەۋپى بولىدىكەن. چوڭقۇر ۋېنا تومۇر قان نۆكچىسى ئادەتتە پۇت قىسمىدا مەۋجۇت بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئېغىر كېسەل ياكى مېيىپ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئەگەر قىسمەن قان نۆكچىسى يېرىلىپ، ئۆپكىگە يۆتكىلىپ، قان ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۆپكە كەپلەشمىسى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىن باشقا، توغرا ئوزۇقلىنىش ئارقىلىقمۇ چوڭقۇر ۋېنا تومۇردىكى قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  سۇنى كۆپ ئىچىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش. سۇسىزلىنىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان نۆكچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. سۈيدۈك رەڭگىگە قاراش بىر خىل ئاددى يئۇسۇل بولۇپ، ئەگەر سۈيدۈك سۇس سېرىق ياكى سۈزۈك رەڭدە بولسا، ئىچىملىك سۇنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن؛ ئەگەر كەھرىۋا رەڭ ياكى تېخىمۇ قېنىق رەڭدە بولسا، سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن.

  ئۈزۈم شەربىتى ئىچىپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش. ئامېرىكا بوستون داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ياكى ئۈزۈم شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە، تەركىبىدىكى كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى پولىفېنول قان پلاستىنكىلىرىنىڭ چاپلىشىپ قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن.

  سامساق بىلەن تەم تەڭشەش. ۋىسكونسىن داشۆسى مادىسون شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى «يبزا ئىگىلىكى ۋە يبمەكلىك خىمىيەسى ژورنىلى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامساق قاندىكى زىيانلىق قان نۆكچىلىرىنى پارچىلىيالايدىكەن. سامساقنى ئېزىپ، بەش مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، سالامەتلىككە پايدىلىق بىرىكمىلەرنى تولۇق قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئاندىن خام يېسىمۇ ياكى كاۋاپداندا ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدىكەن.

  ساغلام بولمىغان مايلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. ساغلام بولمىغان مايلارنى ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇرغا داغ پارچىلىرى يىغىلىپ، يۈرەك كېسىلى ۋە چوڭقۇر ۋېنا تومۇرلىرى قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەرگە ساغلام بولمىغان تەتۈر شەكىللىك ماي ۋە تويۇنغان ياغ ھەمدە شېكەر ۋە تۇزنى زىيادە ئىستېمال قىلماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  ئالاھىدە دەرىجىلىك دەسلەپكى سىقىلغان زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش. نيۇيورك داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئالاھىدە دەرىجىلىك دەسلەپكى سىقىلغان زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلغاندا،  تاماكا چەكمەيدىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئىسپانىيەنىڭ كوردوۋا داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالاھىدە دەرىجىلىك  دەسلەپكى سىقىلغان زەيتۇن مېيىنى ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى خولېستروللۇق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان نۆكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. 

                                                       خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى