تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى ناھىيەسى بۇ يىل 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىر يۈ شى، پراكتىكانت مۇخبىر جيەن شياۋچىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بۇ ناھىيە جەمئىي 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇر بىر يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى 10 مىليون 9300 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

   «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستىراتېگىيەسى ۋە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىلىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل، ئۈرۈمچى ناھىيەسى تاماشا، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كۆپ كەسىپ ھالىتى ساياھەت ئەندىزىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنزىرە رايونىدىكى ياتاق، تاماق، سودا-سېتىق قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

   ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2018-يىلى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن ئاشقان بولۇپ، 11 مىليون 862 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.81 ئاشقان. بولۇپمۇ بۇ ناھىيەنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرى شيەنلەي كىچىك بازىرى كۇەنجەي كوچىسىدىكى مەدەنىيەت پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ناھىيەنىڭ ساياھەتچى مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا، بۇ پىيادىلەر كوچىسىدا بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ساياھەتچى مىقدارى 12 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ سىرتقى يۈزىنى لايىھەلەپ، قورشاۋ تامنىڭ سىرتىغا گۈللۈك ئورنى قالدۇردى، پىيادىلەر يولىغا گۈللۈك خىش ياتقۇزۇپ، تاش ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۈزەل ئېتىز-ئورمان مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. ھازىرغىچە، بۇ ناھىيەدە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئادىمىيەت، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق باش تېمىلار گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدىن 67سى بار بولۇپ، ئۇلارغا جەمئىي 441 ياتاق، 1130 دانە كارىۋات ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى