تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

سىنوك دۇنيا ئاشكارا مۇسابىقىسىدە دىڭ جۈنخۇي، جوۋ يۆلۇڭ 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى

10- ئاينىڭ 30- كۈنى يۈشەندە ئۆتكۈزۈلگەن سىنوك دۇنيا ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك ماھىر مۇسابىقىسىدە، دىڭ جۈنخۇي، لياڭ ۋېنبو، جاڭ ئەندا، شياۋ گودۇڭ، جوۋ يۆلۇڭدىن ئىبارەت مۇسابىقىگە چۈشكەن جۇڭگولۇق بەش ماھىر ئىچىدە دىڭ جۈنخۇي بىلەن جوۋ يۆلۇڭ 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.

دىڭ جۈنخۇينىڭ مۇسابىقىسى يەنىلا جۇڭگولۇق ھەۋەسكارلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، گەرچە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئودوننېل ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن دىڭ جۈنخۇينىڭ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە دىڭ جۈنخۇي كۆپ قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ رەقىبىگە پۇرسەت قالدۇرۇپ قويدى. ئەمما، ئودوننېلنىڭمۇ ئىپادىسى ياخشى بولماي، دىڭ جۈنخۇي تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى تەستە قولغا كەلتۈردى. تۆت مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، ئىككى ماھىر 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى. ئارام ئېلىشتىن كېيىن، دىڭ جۈنخۇي ئاخىرى ياخشى ئىپادىسىنى تېپىۋېلىپ، بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىگە بىرمۇ نومۇر قالدۇرماي يەڭدى، ئارقىدىن يەنە ئىككى مەيدان يېڭىپ، ئاخىرىدا 2:5 ئومۇمىي نەتىجىدە رەقىبىنى شاللاپ، 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى