تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چاقىلىق ناھىيەسىدە چىلانلار پىشىپ چىلانچى دېھقان توردا سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجې خەۋىرى): «مەن چىلانزاردا چىلان ئۈزۈشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىمەن، خوتۇنۇم ئۆيدە چىلان ئىلغاش، قاچىلاشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ. چىلان پىشىدىغان پەسىل بىزنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز.» 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىنىڭ قۇرغۇي كەنتىدە 38 ياشلىق چېن شياۋمىڭ يەتتە ئىشچىنى باشلاپ چىلانزارنى ئارىلاپ، شاختىن چۈشمىگەن چىلانلارنى ئۇزۇن خادا بىلەن قېقىپ چۈشۈردى.

قىروۋ چۈشۈش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىدە 233 مىڭ 800 مو يەردىكى چىلان پىشتى. «%80 چىلان پىشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ.» چېن شياۋمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 21 مو يەرگە چىلان تېرىغان بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارىغا قارىغاندا، بۇ يىل مەھسۇلات 15~16 توننا بولىدىكەن.

2016-يىلىدىن باشلاپ، چېن شياۋمىڭ خوتۇنى ۋاڭ خۇي بىلەن بىر تور دۇكىنى ئېچىپ، چىلاننى توردا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. چىلان ساتقاندا خېرىدارلارنى چاقىلىق چىلىنىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چېن شياۋمىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ئاچقان، ئوغۇتلاش، بىخ ئۈزۈش، ھالقىسىمان كېسىشتىن تارتىپ ئۈزۈش، ئىلغاش، قاچىلاشقىچە بولغان مۇھىم ھالقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىۋاسىتە كۆرسەتكەن.

2018-يىلى، پەقەت تور سۇپىسىغا تايىنىپلا چېن شياۋمىڭ ئائىلىسىنىڭ %80 چىلىنى پارچە سېتىلىپ بولغان. «2019-يىلى بىزنىڭ نىشانىمىز پۈتۈنلەي پارچە سېتىش.» چېن شياۋمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، «قوش 11»دا زاكاز تالونىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇ چىلاننى ئالدىن سېتىپ، قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدە بىر توننا چىلان سېتىپ بولغان.

چاقىلىق ناھىيەسى چىلان پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ ۋېنجۈننىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلى، ناھىيە بويىچە چىلان مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 81 مىڭ توننا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. قىروۋ چۈشۈش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىدە چىلانلار كەينى-كەينىدىن پىشىپ، بىر قىسىم چىلانچى دېھقانلار چىلان ئۈزۈشكە باشلىغان. 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىدە چىلانلار كەڭ كۆلەمدە يىغىلىشقا باشلىغان.

چاقىلىق چىلىنىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، چاقىلىق ناھىيەسى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، بۇ جايدا تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن. ئەمما پايدىنىڭ ئېشىشى سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن كەلگەن، ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتتىن باشقا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىمۇ ئېتىز-ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ دېھقانلارنى يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىپ، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، دېھقانلار چىلانزاردا چىلان يىغماقتا.

ھازىرغا قەدەر، چاقىلىق ناھىيەسى چىلان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد ئورمىنىدىن جەمئىي 233 مىڭ 800 مونى بەرپا قىلىپ، يېشىل چىلان بازىسىدىن 100 مىڭ مو، ئورگانىك چىلان بازىسىدىن 100 مىڭ مونى ئېتىراپقا ئېرىشتۈردى. چىلان كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇققا يەتتى. (سۈرەتنى زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى